Saturday, December 16, 2017

بىز نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟

بىز نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟
مەمەت ئىمىن
ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇرۇق تۇققان، دوست بۇرادەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ قىيىنلىشىشى ۋە ۋەتەندىكى ۋەزىيەتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىگە ئەگىشىپ، ۋەتەن سىرتىدىكىلەر ھەر خىل ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا  قۇرۇلغان ئوخشىمىغان گۇرپىلاردا توپلۇشۇپ، ئۆز ئارا سىرداشماقتا، ۋە ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتى توغۇرسىدا باش قاتۇرماقيتا. ھەر قايسى توپلاردا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىدىغان ۋە ئەڭ كۆپ سورىلىدىغان مەسىلە ئۆزىمىزنىڭ نىمە قىلىشى توغۇرسىدا بولماقتا. ھەقىقەتەنمۇ ھەر بىرىمىزگە نىسبەتەن ۋەتەندىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەر تىپىپ تۇرۇپ، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققان دوست بۇرادەرلىرىمىزنىڭ بىشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلار ئۈچۈن ھىچ بىر ئىش قىلالماسلىق، ھەر بىرىمىزگە نىسبەتەن ئەڭ ئازاپلىق ئىش بولسا كىرەك.
ئۇنداقتا، بىز زادى نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟

ئاددى جاۋاپ: قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىشىمىز كىرەك. شەكىل ۋە ياكى باشقىلارغا كۆرسۈتۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆڭلىمىزدىن چىقىرىپ قىلىشىمىز كىرەك.
ھازىر بىزدىكى ئەڭ ئومۇملاشقان بىر ئەھۋال، چوڭ ئىشنى قىلالماسلىق، كىچىك ئىشنى ياراتماسلىق؛ قىلىدىغان ئىشنى يىراقتىن ئىزدەپ، يىنىمىزدىكى ئىشنى كۆرمەسلىك؛ ھە دىسەك قىلىشقا ئمكان  بولمىغان چوڭ ئىشلارغا ئىسىلىۋىلىپ، ئاخىردا ئامال يوق دەپ ھەممىدىن ۋاز كىچىپ،  ئۈمۈتسىزلىنىپ ئولتۇرۇش. چوڭ ئىشلارنى قىلالمىساق، ئىشنى كىچىكتىن باشلىشىمىز كىرەك. يىراقتىكى ئىشنى قىلالمىساق، ئىشنى يىنىمىزدىن باشلىشىمىز كىرەك. ۋەتەن ئىچىدىكىلەرگە بىرەر ئىش قىلىپ بىرەلمىسەك، ۋەتەن سىرتىدىكىلەر ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە يالغۇز ۋەتەن ئىچىدىكىلەرلا بىزنىڭ خەلقىمىز بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىر ئەزاسى، مەيلى ئۇلار ۋەتەن ئىچىدە بولسۇن، ۋە ياكى ۋەتەن سىرتىدا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ خەلقىمىزدۇر. بىزدە "قول قولنى يۇسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيار" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. بىزدە يەنە "كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك ۋەتەن سىرتىدا 3 مىيۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بولىشى مۈمكىن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 5 - ئېيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن ھەر خىل سەۋەپلەر ۋە ھەر ىىل يوللار بىلەن ۋەتەن سىرتىغا چىققانلارنىڭ سانى 50 مىڭدىن ھەتتا 100 ئارتۇق بولىشى مۈمكىن. بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى
 ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆۋلەتلەردە تىل ۋە ئىشقا ئورۇنلۇشۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا يولۇقماقتا. بەزىلىرى ھەتتا ئۆز قىرىنداشلىرى تەرىپىدىن بۆزەك ئىتىلمەكتە ۋە ئالدانماقتا. مەن بۇنداق شىكايەتلەرنى خىلى كۆپ ئاڭلىدىم، ھەتتا بەزىلىرىگە شايىت بولدۇم.
كۆپۈنچىمىزنىڭ خەۋىرى بولغاندەك، يىقىندا ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر سىن فىلىمىدە، بۇرۇن تۈركىيەدە ياشايدىغان داۋۇت ئىسىملىك بىر مەلئۇن بىر قىرى بوۋاي موماينىڭ پۇلىنى ئالداپ، ياۋروپاغا قىچىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز غەزىۋىنى ئىچىگە باسالماي قالدى، ھەتتا بەزىلەر ئۇ مەلئۇنغا قوشۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى قىلمىشلىرىنى ئەيىپلەشتى.
بىز ئىتىپاقلىق ۋە ئۆملۈك توغۇرسىدا سۆز قىلغاندا، دائىم باشقىلاردىن ئاغرىنىمىز. بىز بەزىلەرنىڭ بولۇپمۇ ۋەتەن سىرتىغا كىيىن چىققان بەزى ياشلارنىڭ باشقا ئۇيغۇرلارغا يىقىن كەلمەيدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلىمىز، ھەتتا بەزىلەرنى غۇرۇرى يوق، قورقۇنجاق ياكى كاللىسى يۇيۇپلۇپ كەتكەن دەپ ئەيىپلەيمىز، ھەتتا خىتتاي ئۈچۈن ئىشلەيدۇ دەپ ھاقارەتلەيمىز. بىراق بىز نورمالدا ئۆزىمىزدە سەۋەنلىك بارمۇ يوق دىگەننى  ئاساسەن خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەيمىز.
بىز ئويلاپ باقايلى، بىر ئادەم ۋەتەندىن ئايرىلىپ مىڭ بىر مۇشاقەتتە مەلۇم بىر دۆلەتكە كەلگەندىن كىيىن، پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان يىڭى بىر مۇھىتتا، ھەممە ئادەمدىن ئىھتىيات قىلىشى مۈمكىن. ئەگەر ئۇ ئادەم ئۆزى دۇچ كەلگەن بۇ قىيىنھىلىقتىن غالىپ كىلىش ئۈچۈن ھىچقانداق بىر ياردەمگە ئىرىشەلمىسە، ئۇ ئادەمنىڭ باشقىلارغا ۋە ئەتىراپتىكى مۇھىتقا بولغان سۆيگۈسى ۋە ئىشەنچىسى شەكىللەنمەيدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئادەم باشقىلار تەرىپىدىن "غەيرى ئادەم" دەپ قالپاق كەيگۈزىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئادەم ئۆز قىرىندىشىم دەپ قارالغانلار تەرىپىدىن بوزەك ئىتىلسە، ياكى ئالدانسا، ئۇنىڭ تەسىرى تىخىمۇ ئىغىر بولىدۇ. يەنى بۇ ئادەم بەلكىم ئۆز كەچۈرمۈشلىرىنى ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ئۆز مىللىتىگە بولغان نارازىلىقىنى يىزىپ، ھەر خىل ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا تارقىتىشى مۈمكىن، نەتىجىدە تىخىمۇ كۆپ ئىنسانلارنىڭ ئەيىپلىشىگە ۋە ھاقارەتلىشىگە ئۇچۇرشى مۈمكىن. بۇ بىر يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش بولۇپ، ئۇنى كۆرگەن تىخىمۇ كۆپ ئىنسانلارنىڭ ئالاھىدە ئىھتىيات قىلىشغا ۋە ئۆز مىللىتىدىن قىچىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
ھەممىمىز بىلگەندەك، بىزنىڭ ھاكىمىيىتىمىز ۋە قانۇنىمىز بولمىغاچقا، كۆپۈنچە ئەھۋالدا مىللى مەنپەتىمىزگە زىيان سالغۇچىلارنى جازالاش ئىمكانىيىتىمىز يوق. ھەم شۇنداقلا ئەگەر مەنپەتىمىزگە زىيان سالغۇچى ئۆز مىللىتىمىزدىن بولغاندا، ئۇلار ئۈستىدىن ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆۋلەتنىڭ قانۇن ئورگانلىرىغا ئەرىز قىلىپ، ئۇلانى جازالندۇرۇشقا كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ، ۋە ياكى ئۇنداق قىلىشنى ئۆز ۋىجدانىمىزغا ئۇيغۇن ئەمەس دەپ بىلىمىز. نەتىجىدە مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان ۋىجدانسىزلار، ئۆز ۋىجدانسىزلىقىنى داۋام قىلىۋىرىدۇ. ئالدانغانلار ۋە ياكى مەنپەتى زىيان زەخمەتكە ئۇچۇرغانلار دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئۇيغۇردىن يىراق ياشاش قارارىغا كىلىدۇ. بىزمۇ ئۇلارنى غەلىتە مىجەزلىك ۋە ياكى ئادەمگە يىقىنلىشىشنى خالىمايدىغان ياۋايى مەخلۇق قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە قۇلاق سالمايمىز.
بىز ئەتىراپىمىزدىلىلەرنى ئىتىپاقلاشتۇرالمىغاندا ۋە ياكى ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئۇلارنى بىر يەرگە توپلىيالمىغاندا، سەۋەنلىكنى يالغۇز باشقىلاردىن ئىزدىمەي، ئۆزىمىزنىڭ ئۇسۇلىغىمۇ دىقەت قىلىشىمىز كىرەك. ئەگەر بىز بىر ئىشنى قىلىشقا بەل باغلىساق، ۋە ئۇنىڭغا ئىچىمىزدىن ئەستايىل مۇئامىلە قىلساق، نۇرغۇن قىيىن دەپ قارالغان ئىشلارنى قىلىشنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇللىرى بولىشى مۈمكىن. بىر خىل ئۇسۇل ئۈنۈم بەرمىسە، مەسئۇليەتنى باشقىلاردىن ئىزدەشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىمىز ئۇسۇل جەھەتتە خاتالاشتىقمۇ يوق دەپ ئويلاپ باقساق، ۋە ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللانساق بەلكىم ئوخشىمىغان ئۈنۈمگە ئىرىشەلىشىمىز مۈمكىن. چۈنكى مەخسەت توغۇرا بولغان بىلەن، ئەگەر ئۇسۇل توغۇرا بولمىسا، ئوخشاشلا كۆزلىگەن مەخسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ.
ھەممىمىز بىلگەندەك كىسەل داۋالاشتا ئۈنۈملۈك بولغان نۇرغۇن دورىلار ناھايتى ئاچچىق بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر كىسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن ئۇ دورىلارنى ئىستىمال قىلىشنىىڭ زۆرۈرلىگىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۇ دورىلارنى ئىستىمال قىلىشنى رەت قىلىدۇ. دورا زاۋۇتلىرى بولسا، "سالامەتلىك ۋە ھاياتلىق سىنىڭكى، كىسەل داۋالايمەن دىسەڭ ئۇ دورىنى ئىستىمال قىلىسەن، بولمىسا ئۆلىسەن" دەپ قاراپ تۇرماي، ئامال قىلىپ، دورىلارنىڭ ئۈنىمىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، دورىلارنىڭ سىرتىغا تاتلىق نەرسىلەرنى يالىتىش ئارقىلىق، ئۇنى ئاسان ئىستىمال قىلغىدەك ھالغا ئەكىلىشكە تىرىشىدۇ.  
مىنىڭ ئىسىمدە قىلىشچە مەن ئامىركىغا كەلگەن دەسلەپكى يىللاردا ئەنگىلىيەدىكى مەمەت تۇرسۇن زۇنۇن ئەپەندىم ياخۇدا بىر گۇرپا قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بۇ گۇرپىدا دۇنيانىڭ ھە قايسى جايلىرىدىن قاتناشقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بار ئىدى. بىر قىتىم بۇ گۇرپىدا  خىرىستىيان بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن قاتتىق مۇنازىرە ۋە تالاش تارتىشلار بولدى. خىرىستىيان بولغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خىرىستىيان بولۇشىغا سەۋەپ بولغان سەۋەپلەرنى ناھايتى چىرايلىق ئوتۇرغا قويۇشتى. ئەپسۇس بىزنىڭ بەزى دوستلىرىمىز ئۇلارنى ئىغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان سۆزلەر بىلەن تىللىدى ۋە قاتتىق ھاقارەت قىلىدى. ئەلۋەتتە ئۇلار ئۆز قىرىنداشلىرىنىڭ ئۆز دىننىي ئىتىقاتىدىن يۈز ئۆرىگەنلىكىگە غەزەپلەنگەن بولۇشى مۈمكىن. دىنىمىزنى قوغداش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بولۇشى مۈمكىن. بىراق بىز ئەگەر سوغاققانلىق بىلەن ئويلاپ باقساق، بىزنىڭ بۇ قىلمىشىمىزنىڭ دىنىمىزنى قوغداشقا ھىچقانداق ئۈنىمى بولمايدۇ، ئەكسىنچە  تىخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ بىزدىن قىچىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئەگەر بىز ئۆز دىنىمىزنى ئەڭ مەرھەممەتلىك دىن دەپ قارىساق، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ مەرھەممىتى ۋە گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشىمىز ۋە ئۇلارنى تەسىرلەندۈرىشىمىز كىرەك.
بىز باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، ۋە ياكى ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا "كاللىسى يۇيۇلۇپ كەتكەن" دىگەن سۆزنى ئاز تولا ئاڭلاپ قالىمىز. تىرورلۇق ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى بولۇپمۇ ئۆزنى ئولتۈرىۋىلىش خاراكتىرلىق تىرورلۇق ۋەقەسەنى پەيدا قىلغۇچىلارنى ئاڭلىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ قىلمىشى تىخىمۇ كاللىمىزدىن ئۆتمەيدۇ. بىر ئادەم نىمىشقا باشقىلارنىڭ گىپى بىلەن ھاياتىدىن ۋاز كىچەلەيدۇ؟ قانداق بىر كۈچ ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشقا كۆندەردى؟ قاتتىق مەجبۇرلاشمۇ؟ ئىشكەنجىمۇ؟ تەھدىتمۇ؟ مىنىڭچە بۇنداق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ، بىر ئادەمنى ئۆز رازىلىقى بىلەن ھاياتىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ئۇندقتا زادى قانداق بىر كۈچ ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۇيۇق يولغا كىرىشىگە ساۋەپ بولدى؟ مىنىڭ قارىشىمچە بۇ يەردە ئەڭ ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان ئەڭ مۇھىم بولغان بىر سىرلىق كۈچ بار، ئۇ بولسىمۇ "يۇمشاق كۈچ". شۇڭا بىزدە "ياخشى سۆز تاشنى ئىرىتەر" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. ھەر خىل قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگنىمىزدە، يۇقارقىلارنى ئوبدان تەتقىق قىلىشىمىز ۋە ئويلىشىپ بىقىشىمىز كىرەك. بىز يۇمشاق كۈچنىڭ ئاجايىپ چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەك.
ھازىر بەزىلىرىمىز ئۈمۈتنى خەلقئارادىكى چوڭ دۆۋلەتلەرگە باغلاپ، ۋەتەننىڭ ئەۋھالىنى ئۇلارغا يىتەرلىك دەرىجىدە بىلدۈرەلسەك، ۋەتەننىڭ ئەھۋالىدا چوقۇم ياخشىلىنىش بولىدۇ دەپ قاراپ، ۋاختىمىزنى  ۋە كۈچىمىزنى  خەلقىمىزنىڭ  دەردىنى باشقىلارغا ئاڭلىتىشقا سەرىپ قىلىۋاتىمىز. يەنە بەزىلىرىمىز بولسا خەلىقنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن ھەر خىل ماقالىلارنى يىزىپ، ئۇلارنى يازما ۋە ياكى ئاۋازلىق قىلىپ باشقىلارغا سۇنىۋاتىمىز. يەنە بەزىلىرىمىز ھەر خىل ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا، بىز زادى نىمە ئىش قىلىشىمىز كىرەك دىگەن مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرۇش ۋە مۇنازىرە قىلىش بىلەن ۋاقىت ئۆتكىزىۋاتىمىز. يەنە بەزىلىرىمىز تىز ئۈنۈم بىرىدىغان ئىشنى تاپالماي، ئادەتتىكى ئىشنى ياراتماي جىم تۇرىۋاتىمىز ۋە ياكى بەرى بىر نىمىش قىلساق ئەھمىيىتى يوق دەپ، ئۆز ھاياتىمىز بىلەنلا مەشغۇل بولاۋاتىمىز.
بىز مەيلى نىمە قىلايلى، تىز ئۈنۈم بىرىدىغان ئاسان ئىش يوق. ھىچ بىر ئىش بىزنىڭ سوبىكتىپ ئارزۇ ئىستەكلىمىزگە بوي سۇنۇپ ئۆزلىگىدىن يۈز بىرىپ قالمايدۇ. شۇڭا بىز مەيلى نىمە ئىش قىلايلى، ئۇنى ئۈزلۈكسىز داۋالاشتۇرىشىمىز، ئۆزىمىز ئىشەنگەن ۋە توغۇرا دەپ بىلگەن ئىشتىن قەتېئې  ۋاز كەچمەسلىكىمىز كىرەك. ۋەتەن داۋاسى يىقىنى 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، يىراقى 230 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقىنىغا ئوخشاش، گەرچە بىز شۇنچە يىلدىن بىرى داۋا ئىلىپ كىلىۋاتسقمۇ، ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتى ياخشىلىنىش ئەمەس، بەلكى كۈندىن كۈنگە يامانلىشىۋاتقىنىغا ئوخشاش، بىزنىڭ ئىشلىرىمىز بىزنىڭ ھىسىياتىمىزغا ۋە ئارزۇ ئىستەكلىرىگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تىرىشچانلىقىمىز  بىلەن ئشقا ئاشىدىغان ئۇلۇغۋار بىر ئىش. ئۇنىڭلىق ئۈچۈن 100 مىتىرگە تىز يۈگۈرەش روھى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇساپىلىق ماراسون روھى بولۇشى كىرەك. بىزدە سەۋر تاقەت،  قەتتىلىك ۋە ئىزچىللىق بولۇشى كىرەك. بىزدە ئۈمۈتنى باشقىلاردىن كۈتۈپ، سەۋەنلىكنى ۋە مەسئۇليەتنى باشقىلاردىن ئىزدەپ  ئولتۇرۇش ئەمەس، ھەر ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئىلىش روھى بولىشى كىرەك.    
مەن ئامىركىغا كەلگەندىن بۇيان ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ ماڭغاندىن باشقا، بىر ئىشقا ئۈزلۈكسىز كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى خالىسانە ھالدا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرچە ساقلىقنى ساقلاش ساۋاتلىرىنى يىزىپ تارقىتىش، ۋەتەندىكى ھەر خىل كىسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى يىقىندىن كۈزۈتۈش.  بىزنىڭ ئۆمۈرىمىز چەكلىك بولغىنى ۋە ئۆز ھاياتمىزنى داۋام ئىتىشىمىز زۆرۈر بولغىنى ئۈچۈن،  ھەممىمىز ئۆمۈرىمىزدە  بەك كۆپ ئىشنى قىلىپ كىتەلىشىمىز ناتايىن، بىراق كەم دىگەندە  بىر ئىشنى قۇدۇرتىمىزنىڭ يىتىشىچە ئىزچىل داۋالاشتۇرالىساق، شۇمۇ يىتەرلىك.


2017- يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نۇيورۇك 

No comments: