روھى كەيپىيات، پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈش ۋە ساغلاملىق
مەمەت ئمىن
ئىنسانلارنىڭ روھى ۋە ياكى پىسخىكىلىق دۇنياسى ناھايتى مۇرەككەپ بىر
دۇنيا بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ روھى كەيپىياتى ۋە ياكى پىسخىكىلىق ھالىتىنىڭ قانداق
بولۇشى ئىنسانلارنىڭ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھەر بىر ئىنسان ھەم شەخىسنىڭ ئۆزىگە
تەۋە، ھەم ياشاۋاتقان ئىجتىمايى جەمىيەتكە تەۋە بولغىنى ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ روھى
ھالىتىنىڭ قانداق بولۇشى بىر تەرەپتىن شۇ ئىنساننىڭ ئۆزگۈچىلىگى ۋە شەخسى
ھاياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر بىر ئىنسان
ياشاۋاتقان ئىجتىمايى جەمىيەت ۋە ئەتىراپتىكى مۇھىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
جەمىيەتتە يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر ۋەقە ئۇ جەمىيەتكە تەۋە بولغان
ھەر بىر ئىنساننىڭ روھى كەيپىياتىغا ۋە ياكى پىسخىكىلىق ھالىتىگە چوقۇم تەسىر
كۆرسىتىدۇ، بەزىلەرگە تەسىرى ئاز بولسا، يەنە بەزىلەرگە تەسىرى كۆپ بولىدۇ. بەزىلەرگە
سەلبى تەسىر كۆرسەتسە، يەنە بەزىلەرگە ئىجابى تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بىز
ئەتىراپىمىزدا يۈز بەرگەن ھەر خىل ۋەقەلەرگە بولۇپمۇ ئادالەتسىزلىككە ۋە
ناھەقچىلىققا نىسبەتەن تامامەن كۆز يۇمىۋالالمايمىز، ۋە ئۇلارنى تاممامەن ئاڭلىماس
بولالمايمىز. باشقىلارنىڭ بىشىغا كەلگەن بالايى ئاپەت بىلەن مىنىڭ نىمە ئىشىم بار
دىيەلمەيمىز. ھىچ بولمىغاندا بىز سۆيگەن كىشىلەرنىڭ قايغۇ ھەسرىتى ۋە دەرت
ئەلەملىرى بىزگە قايغۇ ھەسىرەت ۋە دەرت ئەلەم ئىلىپ كىلىشى، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى
بىزگە خوشاللىق ئىلىپ كىلىشى مۈمكىن.
بىز بىشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن مۇستەملىكەلىق ھايات ۋە ياكى ئۆز ئۆزىمىزگە
خوجا بولالماسلىق بىزنىڭ روھى ھالىتىمىزگە ۋە ياكى پىسخىكىلىق خاراكتىرىمىزگە ھەر
تەرەپتىن تەسىر كۆرسىتىپ، بىزنىڭ روھى دۇنيارىمىزدا ۋە پىسخىكىمىزدا سەلبى
ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلغان بولسا، يىقىندىن بىرى خەلقىمىز دۇچ كىلىۋاتقان قاتتىق
سىياسەت بىزنىڭ روھى دۇنيارىمىزدا مەۋجۇت بولىۋاتقان مەسىلىلەرنى تىخمۇ
ئىغىرلاشتۇرماقتا.
چەتەلدە ياشاۋاتقان كۆپۈنچىمىز، ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز ۋە دوست
بۇرادەرلىرىمىز بىلەن نورمال ئالاقە قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىندۇق. بەزىلىرىمىزنىڭ
ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋە دوست بۇرادەرلىرى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ھاياتىنى
يىغىۋىلىشتا ۋە تۈرمىلەردە ئۆتكۈزىۋاتىدۇ، ھەتتا بەزىلەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ روھى كەيپىياتىمىزغا ئىغىر تەسىر كۆرسۈتۈپ، بىزنىڭ روھى
كەيپىياتىمىزدا بەزى داۋالغۇشلارنى ۋە ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلماقتا.
بەزىلىرىمىز ئۈمۈدسىزلەنسەك، بەزىلىرىمىز گاڭگىراپ، نىمە قىلىشىنى
بىلەلمەي قالماقتامىز؛ بەزىلىرىمىز "مىنى چاقمىغان يىلان مىڭ يىل
ياشىسۇن" دەپ جىم بولىۋالساق، سۈكۈت قىلساق، يەنى بەزىلىرىمىز
غەزەپلەنمەكتىمىز، ھىسياتىمىزغا تايىنىپ ئىش كۆرمەكتىمىز؛ بەزىلىرىمىز دۇنيانىڭ
ئادالەتسىزلىكىدىن نالە قىلىشىپ، ئۆزىمىزنى كۈچسىز ھىس قىلىشساق، يەنە بەزىلىرىمىز
ئۈمۈدۋارلىقىنى يوقاتماي، داۋاملىق ئالدىمىزغا قاراپ ماڭماقتامىز.
ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەلقىمىز ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان بۇ پاسسىپ
روھى كەيپىيات ۋە پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈشلەر يالغۇز بىز دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىنىڭ ھەل
بولۇشىغا ھىچقانداق پايدىسى يوق بولۇپ قالماستىن بەلكى ئەكسىنچە بىزنىڭ روھى ۋە
جىسمانى ساغلاملىقىمىزغا ئىغىر تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن.
ئىنسانلارنىڭ روھى كەيپىياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ ساغلاملىققا بولغان
تەسىرى ئۇلارنىڭ تۈرى، خاراكتىرى ۋە دەرىجىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئاكىتىپ
(پازىتىپ)
كەيپىيات ۋە ئىجابى روھ بىزگە ئۈمۈد
بىغىشلاپ، بىزنىڭ ساغلام ياشىشىمىز ئۈچۈن ئاكىتىپ رول ئوينايدىغان بولسا، پاسسىپ
ۋە سەلبى كەيپىيات بىزگە ئۈمۈدسىزلىك، چۈشكۈنلىك ئىلىپ كىلىپ، بىزنىڭ
ساغلاملىقىمىزغا پاسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ روھى كەيپىياتىنىڭ تۈرلىرى
ئىنسانلارنىڭ روھى كەيپىياتىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ئاكىتىپ، ئۈچ پاسىپ
كاتىگورىيەلەرگە ۋە ھەر بىر كاتىگويەنى يەنە بىر نەچچە كىچىك تۈرلەرگە ئايرىشقا
بولىدۇ.
1. قايغۇلۇق /
ھەسىرەتلىك
(1) خىجىل بولۇش، ئوڭايسىزلىنىش؛
(2) ئۆزىنى ئەيىپلەش، پۇشايمانلىق، گۇناكارلىق؛
(3) يالغۇزلۇق ھىس قىلىش؛
(4) كەمسىتىلىش، چەتكە قىقىلىش؛
(5) زىرىكىش، ئىچى پۇشۇش؛
(6) ھارغىنلىق ھىس قىلىش؛
(7) چۈشكۈنلىك؛
2. نەپىرەتلىك / تەھدىتلىك
(1) ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش؛
(2) شەخسىيەتچىلىك، مەغرۇرلۇق، چوڭچۇلۇق؛
(3) ھەسسەت قىلىش، كۆرەلمەسلىك؛
(4) رەنجىتىش، ئازار بىرىش، ھاقارەتلەش؛
(5) ئۆچمەنلىك، ئۆچ ئىلىش؛
(6) دۈشمەنلىشىش، قارشىلىشىش؛
(7) تەھدىت قىلىش، خەۋەپ يەتكۈزۈش؛
3. قورقۇشلۇق / ئەندىشەلىك
(1) گاڭگىراش، نىمە قىلارىنى بىلەلمەسلىك؛
(2) رەت قىلىش، رىياللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش؛
(3) بىچارەلىك، تايانچىسىز ھىس قىلىش؛
(4) بوي سۇنۇش، ياۋاشلاش؛
(5) ئىشەنچىسىزلىك، ئۈمۈدسىزلىك؛
(6) گۇمانخورلۇق، ئىشەنمەسلىك؛
(6) ئەندىشلىنىش، تەشۋىشلىنىش، غەمكىنلىك، پەرىشان بولۇش؛
4. خوشاللىق /
روھلۇق
(1) ھاياجانلىنىش، خوش بولۇش، كۈلۈش؛
(2) ھوزۇرلۇق، راھەتلىك؛
(3) روخلۇق، جانلىق، تىتىك؛
(4) يۇمۇرلۇق، چاقچاقلىق؛
(5) تەسەۋۇرغا باي، ئىجاتكارلىق؛
(6) ئۈمۈدۋار، ئىجابى، پازىتىپ؛
5. سۆيگۈ / مۇلايىملىق
(1) قاناەتلىك، مەمنۇنلۇق؛
(2) مىننەتدارلىق، رازىلىق؛
(3) ئازادە، سالماقلىق؛
(4) مىھرىبانلىق، كۆڭلى يۇمشاقلىق، ھىسىداشلىق؛
(5) سەمىمى، راسچىلىق؛
(6) يىقىملىق، كۆيۈمچانلىق؛
(7) كەمتەرلىك، كىچىك پىللىق؛
(8) ئوچۇق چىرايلىق، دوستلۇق؛
6. قورقماس / كۈچلۈك
(1) ئىشەنچلىك، ئۆزىگە ئىشىنىش؛
(2) مەرتىۋىلىك، نوپۇزلۇق;؛
(3) قىممەتلىك، ھۆرمەتلىك، مۆتىۋەر؛
(4) غۇرۇرلۇق، مەرتلىك، ھەققانىيەتلىك؛
(5) شان شەرەپلىك، مۇھاپىقىيەتلىك، پەخىرلىك؛
(6) بىلىملىك، ئۇقۇمۇشلۇق؛
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى، ھىچقانداق بىر نەرسە مۇتلەق
بولمىغىنىغا ئوخشاش، ئاكىتىپ روھى ھالەت بىلەن پاسىپ روھى ھالەتمۇ مۇتلەق
ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس. بەزىدە ئۇلار ئارىسىدا ئورۇن ئالمىشىش بولىدۇ ۋە ياكى
ئەكسىچە رول ئوينايدۇ. چەكتىن ئاشقان ئۆزىگە ئىشىنىش، مەغرۇرلىنىش، باشقىلارنى كەمسىتىش ۋە
بىخەستەلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شان شەرەپلىك، پەخىرلىك تۇيغۇ نورمالدىن ئاشقاندا
شۆھرەتپەرەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەرتىۋىلىك، ھوقۇقلۇق تۇيغۇ چەكتىن ئاشقاندا
شەخسىيەتچىلىك، ھوقۇقپەرەسلىك ۋە ئادالەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قاناەت قىلىش
چەكتىن ئاشقاندا ئالغا ئىنتىلمەسلىك، سۈكۈت قىلىش ۋە ئادالەتسىزلىككە كۆز يۇمۇش
كىلىپ چىقىدۇ.
ئەندىشە قىلىش مۇۋاپىق بولغاندا، ئىشلارنى ئەتىراپلىق پىلان قىلغىلى
ۋە مەغلۇبىيەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. كەمسىتىلىش،
كۆزگە ئىلىنماسلىق بەزىدە ئادەمنى مۇۋاپىقىيەتكە باشلاپ بارىدۇ. پۇشايمان قىلىش
ئىنسانى قايتىدىن ئادەم بولۇشقا باشلايدۇ. يالغۇزلۇق ۋە تايانچىسىزلىق بەزىدە
ئىساننى ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغان، باشقىلاردىن ئۈمۈد كۈتمەيدىغان ۋە مۇستەققىل
ياشايدىغان قىلىپ يىتىلدۈرىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ئاكىتىپ روھى كەيپىياتىنىڭ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىققا
كۆرسىتىدىغان ئىجابى تەسىرلىرى
1. كۈلۈمسىرەش ۋە يۇمۇرلۇق كەيپىيات بىزنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن
قۇتۇلۇشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ.
2. كۈلۈش
بەدىنىمىزدىكى بەزى ھورمۇن ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان بەزلەرنى غىدىقلاپ، بەدەنننىڭ
ھورمۇن ئاجىرتىپ چىقىرىشىنى ياخشىلايدۇ ۋە بەدەننىڭ ئىمىيۇنۇت كۈچىنى يۇقۇرى
كۆتۈرىدۇ.
3. ئاكىتىپ روھى كەيپىيات يۇقۇرى قان بىسىمىغا گىرىپتار بولۇشتىن ياكى
قان بىسىمى يۇقۇرلاپ كىتىشتىن ساقلايدۇ.
4. ئاكىتىپ روھى كەيپىيات ئىنسانلارنىڭ دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار
بولۇش ئىھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
5. ئاكىتىپ روھى كەيپىيات ئىنسانلارنىڭ ئۇيقىسىنى ياخشىلايدۇ.
6. ئاكىتىپ روھى كەيپىيات ئىنسانلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كىسەللىرىگە
گىرىپتار بولۇش ئىھتىمالىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
7. ئاكىتىپ روھى كەيپىيات ئىنسانلارنى مۇھاپىقىياتكە يىتەكلەيدۇ.
8. ئاكىتىپ روھى كەيپىيات ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرىنى ياخشىلايدۇ،
ئۆمۈرىنى ئۇزارتىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ پاسسىپ روھى كەيپىياتىنىڭ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىققا
كۆرسىتىدىغان سەلبى تەسىرلىرى
1. بەزى ھورمۇن ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان بەزلەرگە تەسىر كۆرسۈتۈپ، بەزى
ھورمۇنلارنىڭ ئاجىرتىپ چىقىرىشىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەننىڭ ئىمىيۇنۇت كۈچىنى
ئاجىزلىتىدۇ.
2. يۈرەك
رىتىمىنى قالايمىقان قىلىدۇ.
3. قان بىسىمىنى يۇقۇرى كۆتۇرىدۇ.
4. ئۇيقىنىڭ سۈپىتىگە ئىغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.
5. ئاش قازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۈمكىن.
6. يۈرەك قان تومۇر كىسەللىلكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى يۇقۇرى
كۆتۈرىدۇ، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ قوزغۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇن روھى كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى
يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.
بىز يۈزلىنىۋاتقان پاسسىپ روھى كەيپىياتلار
بىز دۇچ كىلىۋاتقان
قاتتىق سىياسەت، ۋەتەن
ئىچى،
سىرتىدا يۈز بىرىۋاقان ھەر خىل
ۋەقەلىك، ئادالەتسىزلىك ۋە ناھەقچىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ روھى كەيپىياتىغا سەلبى
تەسىر كۆرسۈتۈپ، بەزىلىرىمىزدە ھەر خىل پاسسىپ روھى كەيپىيات پەيدا قىلماقتا.
ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.
ئەندىشە قىلىش، تەشۋىش قىلىش،
غەمكىنلىك، پەرىشان بولۇش ۋە روھى چۈشكۈنلۈك؛
2. گاڭگىراش،
تەمتىرەش، كىمگە ئىشىنىشنى ۋە نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قىلىش؛
3.
ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ قويۇش، ئۈمۈدسىزلىنىش،
ۋە ئۆز ئارا گۇمان قىلىش؛
4. ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، ۋە ھىسىياتىغا تايىنىپ باشقىلارنى
ھاقارەتلەش ئارقىلىق، ئۆزىنى قورۇقماس كۆرسۈتۈپ، روھى دۇنياسىدىكى بوشلۇقنى
تولدۇرۇشقا ۋە
ئۆزىدە روھى تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىشقا
تىرىشىش؛
5.
ئۆچمەنلىك قىلىش، ئۆچ ئىلىش،
قارشىلىشىش؛
6.
رەت قىلىش، رىياللىقتىن ئۆزىنى
قاچۇرۇش؛
7.
شەخسىيەتچىلىك قىلىش، باشقىلارنىڭ
بىشىغا كەلگەن بالايى ئاپەتنىڭ ئۆز بىشىغا كەلمىگەنلىكىدىن مەمنۇن بولۇش، ۋە ياكى
ئۆز بىشىغا كەلگەن
بالايى ئاپەتنىڭ باشقىلارنىڭ بىشىغا كەلمىگەنلىكىگە
ھەسسەت قىلىش ۋە ياكى كۆرەلمەسلىك؛
8.
رەنجىتىش، ئازار بىرىش، ھاقارەتلەش؛
9. بىچارىلىق، تايانچىسىزلىق،
ئادالەتسىزلىك ۋە يالغۇزلۇق ھىس قىلىش؛ نىمە قىلساق پايدىسى يوق دەپ قاراش؛
10. بوي سۇنۇش، سۈكۈت قىلىش؛
11. مەنمەنلىك، شوھرەت پەرەسلىك؛
12. خوشامەتلىك، ساتقىنلىق؛
بىزدە پەيدا بولىۋاتقان سەلبى پىسىخىكىلىق ئۆزگۈرۈشلەر ۋە ئۇنىڭ سەۋەپلىرى
ئىنسانلار ئارىسىدىكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەر ۋە ياكى پىسخىكىلىق
ئۆزگۈرۈشلەر تارىختىن بىرى، ھەممە مىللەت ئارىسىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋە
ئوخشىمىغان شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ كىلىۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ، بىراق يىقىنقى زامانغا
كەلگەندە، ساناەتلىشىش ۋە شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانلاردىكى
پىسخىكىلىق مەسىلىلەر كۈنسايىن ئومۇملىشىۋاتقان ۋە ئىنسانلارنىڭ دىقىتىنى
قوزغاۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا.
ئۆز ئۆزىگە خوجا بولالمىغان يەنى ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقۇتۇپ قويۇپ،
باشقىلارنىڭ مۇستەملىكە قىلىشغا ۋە ياكى باشقۇرۇشىغا قالغان مىللەت ۋە خەلقلەردە،
بارلىق ئىنسانلاردا ئومۇمى يۈزلۈك مەۋجۇت بولغان پىسخىكىلىق مەسىلىلەردىن باشقا
يەنە بەزى بىر ئۆزگىچە بولغان پىسخىكىلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن. ئۇلاردىن
بىرى ئۆزىدىن چىققان باشلىققا ئىتاەت قىلماسلىق، ئۆزدىن چىققان باشلىق ئۈستىدىن
ھۆكۈمىران ئورۇندىكى مىللەتتىن چىققان باشلىققا شىكايەت قىلىش ئىكەن. بۇ خىل
خۇسۇسىيەت ۋە مىجەز بىزدە بارمۇ يوق، بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم. بىزنىڭ بىشىمىزغا
كەلگەن مۇستەملىكىلىك ھايات، بىزنىڭ پىسخىكىمىزدا زور بىر ئۆزگۈرۈىشلەرنى پەيدا
قىلغىنى ھەممىمىزگە ئايان.
بەزى
دۆۋلەتلەردە يەرلىك مىللەتلەر ۋە ياكى ئۆزىگە قارشى كۈچلەرگە يۈرگۈزۈپ كىلىۋاتقان
بىر خىل پىسخىكىلىق ئۇرۇش تاكتىكىسى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئىنسانلارنىڭ بىر بىرىنى
ئۆز ئارا چىقىشتۇرۇش، يىقىن دوست بۇرادەر ۋە ئۇرۇق تۇققانلارنى، بىر بىرى ئۈستىن
شىكايەت قىلدۇرۇش، ئەيىپىنى ئاچقۇزۇش، بىر بىرىگە خىيانەت قىلدۇرۇپ، ئۆز ئارا
دۈشمەنلەشتۈرۈش. بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇندىن بىرى قاتتىق بويسۇنۇپ كەلگەن ئەخلاقى
پەزىلەت ۋە قىممەت قارشىنى ۋەيران قىلىش، نەتىجىدە ئۇلارنى بىر بىرىگە
ئىشەنمەيدىغان، گۇمانخور، قورقۇنجاق قىلىپ يىتىلدۈرۈش، ئىنسانلار ئارىسىدىكى
ئىتىپاقلىقنى بۇزۇپ، ئىنسانسانلارنى بىر بىرىدىن پارچىلاپ، كۈچسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ
كونتۇرۇل قىلىش.
ھەممىمىزگە
مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ خىل تاكتىكا مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى جەريانىدا كەڭ قوللۇنۇلغان
تاكتىكا بولۇپ، بۇ تاكتىكىنىڭ زىيىنىغا ئۇچۇرغان نۇرغۇن كىشىلەردە بىر ئۆمۈر
پۇشايمان قىلىش، ئۆزىنى ئەيىپلەش، قورقۇش، باشقىلارغا قەتتى ئىشەنمەسلىك،
غۇمانخورلۇق قاتارلىق پىسخىكىلىق مەسىلەر پەيدا قىلغان، ۋە ئۇنىڭ تەسىرى كىيىنكى
ئەۋلاتلارغىچە داۋام قىلغان. بۇ تاكتىكا ھازىر قايتىدىن قوللىنىلماقتا.
مەن تۆۋەندە بىزنىڭ پىسخىكىمىزدا يۈز بەرگەن بەزى سەلبى ئۆزگۈرۈشلەر
توغۇرسىدا ئۆزەم
بىلگەن، كۆرگەن ۋە ھىس قىلغانلىرىمنى
يىزىپ، دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. گەرچە مەن تۆۋەندىكى پىسخىكىلىق
مەسىلىلەر بىزدە كەڭ داھىردە ئومۇملاشقان مەسىلە
دىيەلمىسەممۇ، بىراق كەم دىگەندە بىر قىسىم ئىنسانلىرىمىز ئارىسىدا كۈنسايىن
ئىغىرلىشىۋاتقان مەسىلىلەر دەپ قارايمەن.
1. "مىنى چاقمىغان يىلان مىڭ يىل ياشىسۇن" پىسخىكىسى. بۇ
شەخسىيەتچىللىك، ئۆچمەنلىك ۋە ئەندىشە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل بىنورمال روھى
ھالەتنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن كىلىپ چىققان سەلبى پىسخىلوگىيەلىك ئۆزگۈرۈش بولۇپ،
ئۇنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى يۈز بىرىۋاتقان ناھەقچىلىققا كۆز يۇمۇش، ئۇنىڭغا سۈكۈت
قىلىش، ئۇنى ئىنكار قىلىش، ۋە ياكى ئۇلارنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراش. باشقىلارنىڭ
بىشىغا كىلىۋاتقان بالايى ئاپەتلەرنى، ناھەقچىلىكلەرنى ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنى ئۇ
كىشىنىڭ تەلەيسىزلىكىدىن، مەدىنىيەت ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن، دۆتلىكىدىن ۋە ياكى
ئۆز ھەق ھوقۇقىنى قوغدىيالماسلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دەپ قاراش.
2. "ئۆگزىگە چىقىۋىلىپ ئىتتىن قورۇقماسلىق" پىسخىكىسى: بۇ
شەخسىيەتچىلىك، ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولماسلىق، ئەندىشە قىلىش ۋە ئۆز ئۆزىنى قاندۇرۇش
قاتارلىق كۆپ خىل بىنورمال روھى ھالەتنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن كىلىپ چىققان
پىسخىلوگىيەلىك ئۆزگۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى پەردە كەينىگە ئۆتىۋىلىپ،
باشقىلارنى ئوتقا ئىتتىرىش، ئىسمى جىسمىنى قوللانماي، رىياللىققا ئۇيغۇن بولمىغان
"قۇرۇق شۇار" توۋىلاش، ھىسىياتىغا تايىنىش، ئۆزىنى نامسىز
"قەھرىمان" ۋە "مىللەتچى" قىلىپ كۆرسۈتۈشكە ئۇرۇنۇش،
باشقىلارنىڭ مەنپەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزىدە روھى قاناەت ھاسىل قىلىش.
3. ھەددىدىن زىيادە ئىھتىياتچانلىق پىسخىكىسى: بۇ ئاسالىقى ئەندىشە
قىلىش، قورقۇش، ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولماسلىق قاتارلىق كۆپ خىل روھى ھالەتنىڭ ئورتاق
تەسىرىدىن كىلىپ چىققان پىسخىلوگىيەلىك ئۆزگۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى "تۇخۇم
بىلەن تاشنى تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ"، "بىز دىگەن ئاجىز، ئۇلارغا تەڭ
كەلگىلى بولمايدۇ"، "مەن ھازىرچە جىم تۇراي، ئاتا ئانام يۇرتتا ئدى"،
"مەن ھازىرچە جىم تۇراي، ئاتا ئانام ياشىنىپ قالدى"، "مەن سىياسەتكە
ئارىلاشماي
تۇراي، ئۆيدىكىلەرگە گەپ كىلىپ
قالمىسۇن" دىگەندەكلەردىن ئىبارەت. ھەتتا بەزى بىر غەرىپ دۆۋلەتلىرىدە 10،
20 يىل ياشاپ كەلگەن، ۋە غەرىپ دۆۋلەتلىرىدە ۋەتەنداش بولغانلارمۇ مەيلى فەيىسبۇك
بولسۇن ۋە ياكى باشقا ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا بولسۇن، ئۆز
ئىسمى جىسمى بىلەن ئۆز پىكىر قاراشلىرىنى ئوتۇرغا قويۇشقا پىتىنالمايدىغان
ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. بەزىلەر ھەتتا ۋاتىسئەپ گۇرپىلىرىغا ئوخشاش يىپىق
گۇرپىلارغىمۇ قاتنىشىشتىن، ۋە ئۇ يەردە ئۆز كۆز قاراش ۋە پىكىرلىرىنى ئوتۇرغا قويۇشتىنمۇ
ئەندىشە قىلىشىدۇ. بەزىلەر خۇددى خىتتاي ھۆكىمىتىنىڭ كۆز قۇلاقلىرى ھەممە يەردە
باردەك، ھەممە يەردە، ھەر زامان ھەممە ئادەمنى كۆرۈپ، ھەممە ئادەمنى ئاڭلاپ
تۇرىدىغاندەك ئەندىشە قىلىشىدۇ. ئۆزلىرى ئەركىن دۇنيادا ياشاپ تۇرسىمۇ، بىراق
پۇتۇن روھى دۇنياسى ۋە ۋۇجۇدى يەنىلا قەپەز ئچىدە.
4. ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىك ۋە گۇمانخورلۇق پىسخىكىسى: مەيلى ۋەتەن
ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە بولسۇن ۋە ياكى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا
بولسۇن، بىزدە بىر ئاز ئومۇملاشقان يەنە بىر پىسخىكىلىق مەسىلە، بىر بىرىمىزگە
ئىشەنمەسلىك ۋە ھەممە ئىشقا گۇمان بىلەن قاراش بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ئەندىشە قىلىش،
تەشۋىش قىلىش، ئىشەنچىسىزلىك، گۇمان قىلىش، گاڭگىراش، قورقۇش، يالغۇزلۇق
ھىس قىلىش قاتارلىق روھى ھالەتنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن كىلىپ چىققان پىسخىلوگىيەلىك
ئۆزگۈرۈشتۇر. بىز ئەگەر ئەتىراپىمىزغا دىققەت قىلساق، "پالانى ۋەتەنگە بىرىپ
ساق سالامەت قايتىپ كەپتۇ، پالانىغا ۋىزا بىرىپتۇ ، باشقىلارغا بەرمىگەن ۋىزىنى
نىمىشقا ئۇنىڭغا بىرىدۇ، بىز بارالمىغان ۋەتەگە نىمىشقا ئۇ ساق سالامەت بىرىپ
قايتىپ كىلەلەيدۇ، ئۇنىڭدا چوقۇم مەسىلە بار، بەلكىم ئۇ خايىن، ياكى
ئىشپىيۇن" دەپ قارايدىغانلارنى ئاز تولا ئۇچۇرتۇپ تۇرىمىز. بۇ خىل شەخسى ھىسىياتقا تايىنىپ
باشقىلاردىن گۇمان قىلىدىغان ۋە ياكى ھىسياتقا تايىنىپ باشقىلارغا ئىسپاتسىز قارا
چاپلايدىغان، ۋە باشقىلارغا قالايمىقان باھا بىرىدىغان ئىشلارغا كۆپۈنچىمىز
يولۇققان ۋە ياكى بۇنداق ئەھۋاللارنى بىشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ باققان. بۇ دەل ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان پىسخىكىلىق
ئۇرۇشتىكى بىر بىرىگە ئىشەنمەسلىك، گۇمانخورلۇق پەيدا قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانلار
ئارىسىدىكى ئىتىپاقلىقنى بۇزۇپ، ئىنسانسانلارنى بىر بىرىدىن پارچىلاپ، كۈچسىز
ھالەتكە چۈشۈرۈپ كونتۇرۇل قىلىش
تاكتىكىسىنىڭ
نەتىجىسى.
5. "ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش" پىسىخىكىسى: ئارىمىزدا "ئەزەلدىن
گۈرۈچ يۇيۇپ باقماي، سەۋزىنى يۇيۇپ ئادالاپ توغۇراپ باقماي، ئوچاققا ئوت يىقىپ
باقماي، پولۇنىڭ پىشىشىنى ساقلاپ تۇرىدىغان، ۋە ياكى قوسىقى ئاچقاندا نىمىشقا پولۇ
تىخىچە پىشمايدۇ دەپ ۋاقىراپ قويىدىغان" ئىنسانلار مەۋجۇت. بىزنىڭ بۇ خىل
پىسخىكىمىز شەخسىيەتچىللىك ، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك قاتارلىق كۆپ خىل بىنورمال روھى
ھالەتنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن كىلىپ چىققان. ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى داھىم ئۈمۈدنى
مەلۇم شەخىس، تەشكىلات، ۋە ياكى دۆۋلەتلەرگە باغلاپ، ئىشلار ئۈمۈد قىلغاندەك
بولمىغاندا داھىم باشقىلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش، ھەممە ئىشتا مەسۇليەتنى
باشقىلاردىن ئىزدەش، ۋە باشقىلارنى تەنقىتلەش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.
6. ئۈمۈدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك پىسىخىكىسى: بىز يىنىمىزدىكى بەزى
كىشىلەردىن "باشقىلارغا كەلگەن ئامەت نىمىشقا بىزگە كەلمەيدۇ؟"،
"بىزنىڭ تەلىمىز نىمىشقا بۇنداق تەتۈر؟"، "بۇ دۇنيا نىمە ئۈچۈن
بۇنداق ئادالەتسىز؟" دىگەندەك شىكايەتلەرنى ئاڭلايمىز. بۇ رىياللىققا ئۇيغۇن بولمىغان ۋە ھەددىدىن زىيادە ئۈمۈدۋارلىق
ياكى داھىم باشقىلاردىن ئۈمۈد كۈتۈش، ۋە ئاخىردا ئىشلار كۈتكەن يەردىن چىقمىغانلىق
سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان روھى كەيپىيات بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر ئاز
ئومۇملىشىۋاتقان بىر خىل
پاسسىپ پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈش
ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى داھىم ھەسىرەت چىكىش، ئۇھ تارتىش، ئۆزىنى
تاشلىۋىتىش، تىرىشماسلىق، ئىشى پۇشقىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ھاراق ئىچىش، كەيىپ
ساپا قىلىش، ھەتتا زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش ئارقىلىق چىقىرىش، "بەرى بىر نىمە
قىلساق پايدىسى يوق" دەپ قاراش قارتارلىقلار .
7. تەلۋىلىك ۋە ئۆچمەنلىك پىسخىكىسى: بۇ ئۈمۈدسىزلىكتىن كىلىپ چىققان
يەنە بىر پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى، قارىسىغا ئۆچ ئىلىش،
ئۆزىگە تەۋە بولمىغانلارنى، ھەتتا ئۆزى بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولمىغانلارنىڭ
ھەممىسىنى دۈشمەن ۋە ئۆزىگە ئاسىلىق قىلغان ساتقىن كۆرۈش، ئۇلارنى ھاقارەتلەش،
ئۇلاردىن ئۆچ ئىلىش، ھەتتا ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
8. باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەش ۋە باشقىلارنىڭ كۆلەڭگۈسىدە ياشاش
پىسخىكىسى: بۇ ئاساسلىقى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەم بولۇش، قورقۇش، ئەندىشە
قىلىش، بىچارەلىك، غۇرۇرسۇزلۇق، شۆھرەتپەرەسلىك، مەنسەپپەرەسلىك قاتارلىق
روھى ھالەتنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن كىلىپ چىققان پىسخىلوگىيەلىك ئۆزگۈرۈش بولۇپ،
ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى داماملىق باشقىلارغا خوشامەت قىلىش، كۈچلۈكتىن قورقۇش ۋە
ياۋاشنى بوزەك قىلىش، ئادالەتسىزلىككە كۆز يۇمۇش، ئىنىق مەيدانى ۋە پىرىنسىپى
بولماسىلىق، كىمنىڭ قىشىغا بارسا شۇنىڭ "تىلىدا" سۆزلەش.
9.
سەمىمىيەتسىزلىك ۋە يالغانچىلىق
پىسخىكىسى: نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم ئارىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان سەمىمىيەتسىزلىكنى،
كاززاپلىقنى ۋە يالغانچىلىقنى جەمىيەت تەرەققىياتنىڭ مۇقەرەر نەتىجىسى دەپ قارىشى
مۈمكىن. بۇ پەقەتلا ئەخلاق پەزىلەت ئۆلچىمى ئىغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان، سەمىمى ئەھدى
ئىتىقادى بولمىغان، بىر قىسىم دۆۋلەتلەردە ئومۇملاشقان مەسىلە بولۇپ، ئەمىلىيەتتە
ھەممىمىز كۆرەۋاتقاندەك كۆپلىگەن تەرەققى قىلغان دىموككىراتىك دۆۋلەتلەردە ۋە
ھەقىقى ئىتىقادى بار كىشىلەر ئارىسىدا سەمىمىيەتلىك ۋە راستچىللىق يەنىلا ئاساسى
ئىقىمنى تەشكىل قىلىدۇ.
بىز يۈزلىنىۋاتقان پىسخىكىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىن غالىپ كىلىش ئۈچۈن
قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟
بۇ ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭغا
نىسبەتەن ئاددى بىر جاۋاپ ۋە ياكى ھەممىگە ماس كىلىدىغان فورمۇلالاشقان ئۇنىۋىرسال
بىر ھەل قىلىش ئۇسۇلى يوق. مەن دەسلەپتە دەپ ئۆتكەندەك ئىنسانلارنىڭ روھى دۇنياسى
ۋە ئۇنىڭدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈشلەر كۆپ خىل ئامىللار بىلەن
مۇناسىۋەتلىك مۇرەككەپ بىر جەريان بولغاچقا، بۇ جەھەتتە يۈز بەرگەن پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى
ھەل قىلىشمۇ ناھايتى مۈرەككەپ بىر جەريان.
ئىنسان، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتە ساغلام
بولغاندا ئاندىن ئۈمۈد قىلغان ئارزۇ ئىستەكلىرىگە يىتەلەيدۇ. روھى جەھەتتە ساغلام بولۇشنىڭ
ئاساسى ئاكىتىپ (پازىتىپ)
روھى كەيپىيات. ئىنسان
ئەندىشە قىلىش، قورقۇش، پەرىشان بولۇش، قايغۇرۇش، شىكايەت قىلىش، چۈشكۈنلىشىش، ئۈمۈدسىزلىنىش
قاتارلىقلار ئارقىلىق يالغۇز دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلالماي قالماستىن،
بەلكى ئەكسىنچە كۈندۈلۈك تۇرمۇش، ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەتكە تەسىر يىتىشى، ھەم شۇنداقلا
تىخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرگە يۈزلىنىشى، ھەتتا ئىغىر دەرىجىدە روھى مەسىلىگە دۇچ
كىلىشى ۋە ياكى روھى كىسەلگە گىرىپتار بولۇشى مۈمكىن. مۇنداچە ئەيىتقاندا پاسسىپ
كەيپىيات مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس.
ئۇيغۇرلار
توپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن، باردى كەلدى قىلىشقا، ناخشا ئۇسۇلغا ۋە كۆڭەل ئىچىشقا ئامراق،
خۇشخۇي ۋە كۈلكە چاقچاقچى، شۈكىرى قانائەت قىلىشقا ماھىل، دىنىي ئىتىقادى كۈچلۈك،
ھەر زامان ئاللاھنى ئۆزىنىڭ يۆلەنگۈچىسى ۋە
قۇتقازغۇچىسى دەپ قارايدىغان بىر مىللەت. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى
ھەر خىل ئىغىر دەرىجىدىكى روھى كىسەللىك ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ئەھۋالى نىسبەتەن
تۆۋەن.
ئامىركا گەرچە ئەڭ تەرەققى قىلغان ئەركىن دۆۋلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ،
بىراق ئامىركا ھەر خىل روھى مەسىلىسى بارلارنىڭ نىسبىتى دۇنيادا ئەڭ يۇقۇرى بولغان
دۆۋلەتنىڭ بىرى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ئامىركىدا
ھەرخىل روھى مەسىلىسى بارلار پۈتۈن نوپۇسنىڭ 26.4%
نى ئىگەللەيدىكەن. تەخمىنەن 16 مىلىيۇن ئامىركىلىق چۈشكۈنلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار
بولغان ئىكەن.
ياپۇنىيەمۇ ئوخشاشلا دۇنيادا ئەڭ تەرەققى قىلغان باي دۆۋلەتلەرنىڭ
بىرى بولسىمۇ، بىراق ياپۇنىيە
ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش نىسبىتى ئەڭ
يۇقۇرى بولغان دۆۋلەتلەرنىڭ بىرى. نىسبەتەن ئەيىتقاندا بىر قىسىم كەمبىغەل
ياكى ئۇزۇن مۇددەت تەببىي ئاپەت ۋە ئۇرۇش بولاۋاتقان دۆۋلەتلەردە ئەكسىنچە ھەر خىل
روھى كىسەللىكلەرنىڭ نىسبىتى نىسبەتەن تۆۋەن.
تۆۋەندىكى خەرىتىدە كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلار
تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىلغان 14 دۆۋلەتتىكى ھەر خىل روھى مەسىلىسى بارلارنىڭ پۈتۈن
نوپۇس ئىچىدە ئىگەللىگەن نىسبىتى. ھەر خىل روھى مەسىلىلەر ئەڭ كۆپ بولغان دۆۋلەت
ئامىركا (26.4%)، ھەر خىل روھى مەسىلىلەر ئەڭ تۆۋەن بولغان دۆۋلەت نىگىرىيە
(4.7%)؛
دىمەكچىمەنكى ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل روھى كىسەللىك ۋە پىسخىكىلىق
مەسىلىلەرگە گىراپتار بولۇشى، يوقسۇزلۇق ۋە ھەر خىل بالايى ئاپەتلەر بىلەن پۈتۈلەي
ئوڭ تاناسىپ بولىشى ناتايىن.
بىر ئىنساننىڭ ئارتۇقچىلىقى، ھەرگۈزمۇ ئۇ ئىنساننىڭ نىمە ئىش قىلالىشى
بىلەن ئىپادىلەنمەيدۇ، ئەكسىنچە ئۇ ئىنساننىڭ ئۆز پىسخىكىسىدىكى ئاجىزلىقنى يىڭىپ،
ئەسلى قىلالىشىم مۈمكىن ئەمەس دەپ قارىغان ئىشلانى قىلالىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
شۇڭا بىزدە "يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر"
دەيدىغان ئاتا سۆزى بار.
روھى كىسەللىك بولسا ئىنسانلار ئۆزىنىڭ گىرىپتار بولغانلىقىنى ئىنكار
قىلىدىغان بىردىن بىر كىسەللىكتۇر. بىز ھەرقانداق كىسەللىككە گىرىپتار
بولغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ كىسەل بولغانلىقىمىزنى ئىنكار قىلمايمىز، ئەكسىنچە ئۇنى
ئىتىراپ قىلىمىز ۋە شۇ سەۋەپتىن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ ئۆزىمىز گىرىپتار
بولغان كىسەلگە نىسبەتەن ئاكىتىپ داۋالاش ئىلىپ بارىمىز. بىراق بىز روھى كىسەلگە
گىرىپتار بولغاندا ۋە ياكى پىسخىكىمىزدىن چاتاق چىققاندا، بىز ئۇنى ھەرگۈز ئىتىراپ
قىلمايمىز، ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاكىتىپ چارە تەببىر قوللانمايمىز، ۋە
داۋالاش ئىلىپ بارمايمىز. بۇ دەل پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى ۋە روھى كىسەللىكنى بىر
تەرەپ قىلىشنىڭ قىيىن بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر سەۋەپ.
بىزنىڭ روھىي ھالىتىمىزدە ۋە
پىسخىكىسىمىزدا يۈز بەرگەن بەزى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئۆزىمىز ھەل قىلالايمىز، ۋە ئۇنىڭ
تىخىمۇ ئىغىرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز، بىراق بەزىدە بولۇپمۇ روھىي
ھالىتىمىزدە ۋە پىسخىكىسىمىزدا ئىغىر مەسىلە كۆرۈلگەندە، ئۇنى ئۆزىمىز ھەل
قىلالىشىمىز قىيىن، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بىز چوقۇم ئاھىلىمىز، دوست
بۇرادەرلىرىمىز ۋە پىسخىك دوختۇرلىرىنىڭ ياردىمگە ئىھتىياجلىق بولىمىز، ھەتتە
سىستىمىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىشىمىزغا توغۇرا
كىلىدۇ.
ئۆزىمىزدە
بار بولغان روھىي ۋە پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى تونۇپ يىتىش ۋە ئۇنى ئىتىراپ قىلىش،
ئۇنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ۋە مەسىلىنىڭ تىخىمۇ ئىغىرلاپ كىتىشتىن
ساقلىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم قەدەم باسقۇچىدۇر.
ئەگەر بىز ئۆزىمىزدە بار بولغان روھى مەسىلىلەر ۋە ئۆزىمىزدىكى
پىسخىكىلىق ئاجىزلىق ئۈستىدىن غالىپ كىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن بىز چوقۇم
ئۇنى تونۇپ يىتىشىمىز، ئۇنى تولۇق چۈشىنىشىمىز ۋە ئەڭ مۇھىمى ئۇنى ئىتىراپ قىلىشىمىز
كىرەك؛ باشقىلارنىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئوينىماسلىقىمىز، ۋە باشقىلارنىڭ ئوينىغا كەلمەسلىكىمىز
كىرەك؛ بىز چوقۇم ئۈمۈدۋار بولىشىمىز، ئاكىتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنى
يىتىلدۈرىشىمىز، كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا بىزنى راھەتسىز قىلغان بەزى ئىشلارنى
ۋاختىنچە ئۇنتۇپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قىززىققان ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىشىمىز،
ھەممە نەرسىگە گۇمان بىلەن قاراشتىن ۋاز كىچىپ، ئەتىراپىمىزدىكى ئىنسانلار بىلەن
باردى كەلدى قىلىشىمىز، يىقىن دوستلىرىمىز ۋە ياكى بىز ئىشەنگەن كىشىلەر بىلەن
سىردىشىشىمىز، ۋە ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىچىمىزنى بوشىتىشىمىز كىرەك.
كونىلار "جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان" دىگەن ئىكەن.
ئۆلمىگەن تەندە چوقۇم ئۈمۈد بار؛ بۇغداي،
گۈرۈچ
بولسا چوقۇم ئۇنى پۇشۇرغىدەك قازان
تىپىلىدۇ.
ئۇلۇغ مۇتىپەككۇر ۋە دۆۋلەت باشقۇرغۇچى ئەرباپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق
دىگەن ئىكەن "ىنسان ھايات بولسا، تىلىكىگە يىتىدۇر، تىلەككە يىتىش ئۈچۈن
ھاياتلىق بىر سەرمايىدۇر. ھاياتلىقنى تىلە، ئارزۇنى تىلىمە، ئارزۇغا يىتىش ئۈچۈن
ھاياتلىق يۆلەكتۇر".
ۋىكىلىكىس (WikiLeaks) نى بەرپا
قىلغۇچى جۇلىىيان ئاسسەنج (Julian
Assange) مۇنداق دىگەن ئىكەن "ھەر قىتىم بىز ئادالەتسىزلىكنى كۆرۈپ
تۇرۇپ، بىرەر ئىش قىلمىغىنىمىزدا، بىز ئۆزىمىزنىڭ خارەكتىرىنى پاسسىپ قىلىپ
يىتىلدۈرۈپ چىقىمىز، نەتىجىدە ئۆزىمىزنى ۋە بىز سۆيگەن كىشىلەرنى قوغداش
ئىقتىدارىمىزنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قويىمىز".
ئامىركىلق خىرىستىيان لىدىرى دوگلاس خورتون (Douglas Horton) مۇنداق دىگەن ئىكەن "ھەركەت قىلىش قورقۇنجىنى يوق قىلىدۇ،
جىم تۇرۇش (سۈكۈت قىلىش) قورقۇنجىلىق پەيدا قىلىدۇ".
نەمەلۇم بىر شەخىس مۇنداق دىگەن ئىكەن "دۇنيا يامان كىشىلەرنىڭ
زوراۋانلىقى تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى ياخشى كىشىلەرنىڭ (ئادالەتسىزلىككە،
ناھەقچىلىققا) سۈكۈت قىلىشى بىلەن تىخىمۇ زور بەدەل تولەيدۇ".
مارتىن لۇزىر كىڭ (Martin
Luther King) مۇنداق دىگەن ئىكەن "ھەرقانداق يەردىكى ئادالەتسىزلىك ھەممە
يەردىكى ئادالەت ئۈچۈن بىر تەھدىتتۇر".
ئالبىرىت ئەينىشتىن (Albert Einstein) مۇنداق دىگەن ئىكەن "دۇنيا رەزىل كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت
بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ياخشى كىشىلەرنىڭ رەزىللىكنى كۆرۈپ تۇرۇپ ھىچ ئىش
قىلماسلىقى سەۋەبىدىن خەتەرلىكتۇر".
ئامىركىلىق سىياسەتچى توماس ۋودروۋ ۋىلسون (Thomas Woodrow Wilson) مۇنداق دىگەن ئىكەن "سەن كەلگۈسىڭنىڭ
قانداق بولۇشىدىن قورۇقمايسەن،
بەلكى ئۆتمۇشىڭدىكى قاباھەتنىڭ سىنى
چىرمىۋىلىشىدىن قورقايسەن".
تىئەل سۋان (Teal Swan) مۇنداق دىگەن ئىكەن "بىز بىلمىگەن نەرسىلەردىن قورۇقمايمىز، بىز
پەقەت ئۆزىمىز بىلىمىز دەپ قارىغان نەمەلۇم نەرسىلەردىن قورقىمىز."
روبىن شارما (Robin Sharma) مۇنداق دىگەن ئىكەن "قورقۇنۇچنىڭ ئەڭ گۈزەل يىرى، سەن ئۇنىڭغا
ئۈسسۈپ كىرگىنىڭدە، ئۇ سىنىڭدىن قىچىپ كىتىدۇ".
جەك كەنفىلىد (Jack
Canfield) مۇنداق دىگەن ئىكەن "سەن ئىرىشمەكچى بولغان ھەممە نەرسە
قورقۇنجىنىڭ قارشى تەرىپىدە"، يەنى سەن ئۇنىڭغا ئىرىشمەكچى بولساڭ، چوقۇم قورقۇنجىنى
بۆسۈپ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈشىڭ كىرەك.
ماري فەرگۇسون (Mary
Ferguson) مۇنداق دىگەن ئىكەن "ھەر بىر قورقۇنۇچىنىڭ قارشى تەرىپىنىڭ
ھۆرلۈك ئىكەنلىگىنى ھەممىمىز بىلىمىز"
ۋىللىيام شاكىسپىر (William
Shakespeare) مۇنداق دىگەن ئىكەن "بىزنى خايىن قىلغان بىزنىڭ ھەركىتىمىز
ئەمەس، بەلكى بىزدىكى قورقۇنجا"
بىرسى چۈشكۈنلۈككە مۇنداق تەرىپ بەرگەن ئىكەن "چۈشكۇنلۈك دىمەك بەدەنىڭ ياشاش ئۈچۈن
كۆرەش قىلىشى بىلەن روھنىڭ ئۆلۈشى ئارىسىدىكى ھايات دىمەكتۇر"
يەنە بىر نەمەلۇم شەخىس مۇنداق دىگەن ئىكەن "ئۈمۈدسىزلىك ۋە ياكى كەلگۈسىگە
ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇش دىمەك ئاستا ئاستا ئۆلۈش دىمەكتۇر".
بەزى ئىشلارنىڭ ھازىر يۈز بەرمەسلىكى ھەرگۈزمۇ ئۇنىڭ مەڭگۈ يۈز بەرمەسلىكىدىن
دىرەك بەرمەيدۇ. بەزى ئىشلارنىڭ ھازىر يۈز بىرىشى، ئۇنىڭ مەڭگۈ داۋام قىلىشىدىن
دىرەك بەرمەيدۇ.
دۇنيادا قورقۇنجىدىن كۈچلۈك بولغان بىردىن بىر نەرسە ئۈمۈدتۇر. ئەگەر
بىز ئۈمۈدنى ساقلاپ قالساق، ئۈمۈد بىزنى ساقلاپ قالىدۇ.
بىر ئادەم مەلۇم بىر كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قىلىپ، داۋالاش ئىلىپ
بارغاندا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دورا ياكى داۋالاشنىڭ شىپاسى، بىمارنىڭ ئۇ دورا ۋە
داۋالاشنىڭ ئۈنىمىگە، ئۆزى گىرىپتار بولغان كىسەلىنىڭ ساقىيىشىغا بولغان
ئىشەنچىسىگە، يەنى ئۈمىدكە باغلىق. بۇ
بەزى كىسەللەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن بىمارلارغا كۆڭەل ياساش دورىسى (placebo) ئىشلىتىپ داۋالاش ئارقىلىق ئىسپاتلانغان بىر
ھەقىقەت. بولۇپمۇ روھى كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ۋە ياكى پىسخىكىسىدا مەسىلە
بارلارغا نىسبەتەن، كۆڭلىنى ياساش، ئىشەندۈرۈش، ئۈمۈدلەندۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى
ياخشىلاشتا بەكلا مۇھىم.
دەسموند تۇتۇ (Desmond
Tutu) مۇنداق دىگەن ئىكەن "ئۈمۈد - ھەممە
يەرنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا كۆرگەن بىر تال چىراق".
شۇنداق، ئۈمۈد ۋە ئىشەنچ دىگىنىمىز، قاراڭغۇدا بىزگە يول يورۇتۇپ
بەرگۈچى چىراق، ماغدۇرسىزلانغاندا بىزگە
مەدەت بەرگۈچى كۈچ. ئۈمۈد ۋە ئىشەنچ دىگىنىمىز، بىز ھەممە نەرسىمىزدىن ئايرىلغاندا
قىپ قالغان بىردىن بىر نەرسە. ئەگەر بىزدە ئۈمۈد، ئىشەنچ بولسا، ھەممە نەرسىمىز
بولىدۇ، ئەگەر بىز ئەڭ ئاخىرقى نەرسىمىز بولغان ئۈمۈدنى، ئىشەنچىنى يوقاتساق ھەر
شەيىمىزنى يوقىتىمىز.
ئاخىردا شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۇشكە ئەرزىدۇكى، بۇ يەردە تىلغا ئىلىنغان ئۈمۈد،
ئىشەنچ ۋە ياكى ئاكىتىپ پوزىتسىيە دىگەنلەر ھەرگۈزمۇ جىم ئولتۇرۇپ قۇرۇق خىيال
قىلىش، ۋە ياكى يالغۇز ئاللاھدىن تىلەپ، ئىشلىرىمىز ياخشى بولۇپ كىتىدۇ دەپ ساقلاپ
ئولتۇرۇش بولماستىن، بەلكى شۇ ئۈمۈدنى، ئىشەنچىنى ۋە ئاكىتىپ دۇنيا قاراشنى
ھەركىتىمىزنىڭ يول باشلىغۇچىسى، ئېنىرگىيە مەنبەسى ۋە بىزگە مەدەت بەرگۈچى كۈچ
قىلىپ، مەيۈسلەنمەي، ئەندىشە قىلماي،
ئىككىنلەنمەي، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش دىمەكتۇر. ھىچ بىر ئىش بەدەلسىز
بولمايدۇ، ھەر ئىشنىڭ بىر بەدىلى بولىدۇ، شۇڭا بىزدە "جاندىن كەچمىگىچە
جانانغا يەتكىلى بولمايدۇ" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار.
*******************************************
سالام مەمەت ئمىن ئەپەندى،
ناھايىتى مۇھىم بىر تەما ھەققىدە ئىزدىنىپسىز. پىسخىك مەسىلىلەر
بىئولوگىيەلىك، ئىجتىمايى شارائىت خاراكتەرلىق ۋە پىسخولوگىيىلىك ئامىللارغا
باغلىق بولىدۇ. ئۇيغۇرلار پىسخىك روھىي كەسەللىكلەرگە ئۇنچە قاتتىق گىرىپتار بولۇپ
كەتمىگەن مىللەتكە كىرىدۇ. بۇنىڭ سىز تىلغا ئەلىپ ئوتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ
ناخشا-ئۇسۇلغا ۋە كۇلكە-چاقچاققا ماھىر بولۇشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئوزىنىڭ كوڭلىنى
ئاۋۇندۇرالىشىدىن باشقا يەنە مۇنداق سەۋەبلىرىمۇ بار.
بىرى، ئۇيغۇرلارىڭ كۇندىلىك ھاياتى بىر قەدەر ئاددىي ۋە قەلىپلىق
بولۇپ كەلدى. بۇنداق ھاياتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ ماددىي
ئىستىكى ئاددىي ھالدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. مەنىۋى ئەھتىياج نۇقتىسىدىن، ئىسلام
دىنىغا ئىشىنىش ئۇلارنىڭ قەلبىنى ھەر ۋاقىت مەڭۇلۇك بىر كويۇنگۇچى ۋە قوغدىغۇچى
سۇپىتىدىكى ئاللاھ بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن پىسخىك كەسەللىكلەر، بولۇپمۇ
چۇشكۇنلۇك ئادەمنىڭ ئۇمىدىنى يوقىتىشى ۋە ئوزىنى ياردەمچىسىز ھەس قىلىشىنىڭ
ئۇزۇنغا سوزۇلىشىدىن كەلىپ چىقىدۇ. ئىسلام دىنىدا ئاللاھ ئۇمىدنىڭ ۋە يار-يۆلەكنىڭ
ئاداققى مەنبەسى دەپ قارالغانلىقتىن، ئادەم ئۆزىنى ئالدىراپ چۈشكۈنلۈككە
ئاتىۋەتەلمەيدۇ. بۇ نۇقتا يەنە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا نەمىشقا ئەغىر پىسخىك
كەسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ باشقىلارغا سەلىشتۇرغاندا بىر قەدەر ئاز
بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرەلەيدۇ (بۇ يەردە يەنە شۇنى ئەيتىپ ئۆتمەكچىمەنكى،
ۋەتىنىمزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەتىقادىنىڭ تەدرىجىي ۋەيران قىلىنىشى ئۇلارنىڭ
پىسخىك دۇنياسىنىڭمۇ ماس قەدەمدە تەدرىجىي ۋەيران قىلىنىشى بولىدۇ — چۇنكى
ئاللاھقا بولغان ئۈمىدى ۋە ياردەم تىلەش ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەتىقادى ۋەيران بولغان
ئۇيغۇرلار قورقۇنچلۇق تەرىزدە ئۆزىگە يەككە-يەگانە تاشلىۋەتىلىدۇ—كەلگۈسىگە بولگان
ئۈمىدىدىن ئايرىلىدۇ ۋە ئۆزىنى چەكسىز يار-يۆلەكسىز ھەس قىلىدۇ. ئاللاھ بۇ
كۈنلەرنى كۆرسەتمىگەي)!)
ئىككىنچىسى، مەنىڭ نەزەرىمدە روھىي كەسەللىكلەر ئادەتتە شەخıسلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇت
قائىدە-تۈزۈملىرىگە ماسلىشالماسلىق، ئۇلار بىلەن توقۇنۇپ قەلىشى، ئۇلارنى تولۇق
قوبۇل قىلىشتا مەغلۇب بولۇشى، ئۇلارغا ئوكتە چىقىشىدىن كەلىپ چىقىدۇ. ئۇيغۇرلار
تارىختىن بەرى ئۆزىنىڭ جەمئىيىتىنىڭ قائىدە-تۇزۇملىرى بىلەن قاتتىق قارشىلاشقان
مىللەت ئەمەس. ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز كۆپ ھاللاردا ئۇلارغا شەرتسىز
بوي سۇنىمىز. بوي سۇنمىساق، ئۇنىڭ بەدىلى ئەغىر بولىدۇ — بىز ياكى جەمئىيىتىمىز
تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلىمىز، چەتلەشتۈرۈلىمىز، مەسخىرە قىلىنىمىز ياكى
سۈكۈتلەندۇرۈلىمىز. چۈنكى بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز ئۆزىنىڭ مەۋجۇت تەرتىپىگە قارشى
چىققاننى شەپقەتسىزلەرچە جازالايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە
ئىگە قىلىشتەك ئىچكى زۆرۈرىيەتكە تايىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنىنغگا باشقىلارمۇ
چىداپ تۇرالمايدۇ. ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئۆزىدە ئۆزىنىڭ قىممەتلىرىگە قارىتا پەيدا
بولىدىغان ئەنىقسىزلىق ۋە گاڭگىراشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى ياكى ئۇنى باسماقچى بولىدۇ.
دەمەك، جەمئىيەت بىلەن شەخس ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا كۆپ ھاللاردا جەمئىيەت
ئۇتىدۇ— شەخس يەڭىلىدۇ. نەتىجىدە، بۇ شەخس ياكى ئىچىگە تىنىپ بويسۇنىدۇ ياكى ئۇنى
قوبۇل قىلالماي ئىچىدىن تۈگىشىدۇ، ھەتتا تۈرلۈك پىسخىك كەسەللىكلەرگە دۇچار
بولىئۇ. ئۆز جەمىيتىنىڭ قاتىق ئىسكەنجىسىدە تۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي-پىكىر، ھەرىكەت
ۋە سۆزدە بىردەك بولۇشنى قاتتىق تەكىتلەيدۇ. ئىجتىمائىي تەنقىدچىلىك ئۇنچە كۈچلۈك
قارشى ئەلىنىپ كەتمەيدۇ— بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئۆزىنىڭ ئەنەئەنىۋى قىمەت قاراشلىرى
يوقۇلۇشتىن ئىبارەت مەۋجۇتلۇج خىرىسىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوزىنىڭ بۇ
قىممەتلىرىگە تەخىمۇ يەپىشىدۇ، ئۇنى پۇتۇن كۈچى بىلەن قوغداشقا تىرىشىدۇ.
ئۈچىنچىسى، ئۇيغۇر مەدىنىيىتىدە پىسخىك كەسەللىككە قارىتا سەلبىي
قاراش ھەلىھەم ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ (غەربتىمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما بۇ بىزنىڭكىدەك
ئەغىر ئەمەس). مەسىلەن، بىرەر ئۇيغۇر چۈشكۈنلۈككە (دەپرەسسىئون) گە گىرىپتار
بولسا، ئۇ پىسخىسكىسى ئاجىز ۋە ھەتتا ساراڭ قەتىش سۈپىتىدە قارىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن،
ئادەملىرىمىز پىسخىك كەسەللىككە گىرىپتار بولغانلارنى كەمسىتىپلا قالماستىن،
ئۆزىدىكى تۇرلۇك پىسخىك مەسىلىلەرنى باشقىلاردىنلا ئەمەس، ھەتتا ئۆزىدىنمۇ
جان-جەھلى بىلەن يوشۇرىدۇ—"نورمال" قىياپەتكە كىرىۋەلىشقا تىرىشىدۇ.
نەجىتىدە، "كەسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۇمىڭ ئاشكارە" دەگەندەك تەخىمۇ ئەغىر
ئاقىۋەت كەلىپ چىقىدۇ.
**************************************
ھۆرمەتلىك مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىم
چۈشەنچىلىرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت. بۇ ماڭا نىسبەتەنمۇ بىر ئىزدىنىش
جەريانى. بىز ئىنسان بولۇشىمىز سۈپىتىمىز بىلەن بىر تەرەپتىن باشقىلار بىلەن
نۇرغۇن ئورتاقلىقىمىز بولسىمۇ، بىراق بىزدە سىز دەپ ئۆتكەن ئالاھىدىلىكلەر
بولغاچقا، بىزدىكى مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى
جەھەتتىمۇ بىزگە پۈتۈنلەي ماس قىلىدىغان بىر ئۆرنەك يوق. شۇڭا ھەممىمىزنىڭ ئورتاق
ئىزدىنىشىگە ۋە تىرىشچانلىقىغا توغۇرا كىلىدۇ.
ئۇندىن
باشقا سىز بىزدە پىسخىپ مەسىلىسى نىمە ئۈچۈن ئاز دىگەن مەسىلىدە نۇقتىلىق
توكتىلىپسىز. بۇنىڭ يەنە بىر سەۋىبى، بىرى نىمىنىڭ پىسخىك مەسىلە ئىكەنلىكىگە
بولغان ئۆلچەمنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەپ بولغان بولىشى مۈمكىن. يەنى غەرىپتە پىسخىلىق
مەسىلە دەپ قارالغان نۇرغۇن ئىشلار بىزدە پىسخىلىق مەسىلە ھىساپلانمايدۇ. بۇنىڭغا
كونكىرىت مىسال بەك كۆپ. يەنە بىرى بىزدىكى پىسخىلىك مەسىلىسى بارلارغا نىسبەتەن
ئۆلچەملىك بىر سىتاستىكا يوق. يالغۇز بىزدە ئەمەس كۆپلىگەن ئىسلام دۆۋلەتلىرىدە
بىر تۇتاش ئۆلچەم بىلەن ئىلىپ بىرىلغان سانلىق مەلۇمات يوق. شۇ سەۋەپتىن بىز
پەقەتلا ئۆزىمىزنىڭ قىياسىغا تايىنىپ ھۆكۈم چىقىرىشقا مەجبۇرى بولىمىز.
No comments:
Post a Comment