Thursday, November 23, 2017

قوراشتۇرۇش ئويۇنى

قوراشتۇرۇش ئويۇنى
مەمەت ئىمىن
قوراشتۇرۇش ئويۇنى (puzzle)  نى ئويناپ باققانلار بىلىمىز، قوراشتۇرۇش ئويۇنى ئادەتتە 10 - 20  پارچىدىن 1000 پارچىگىچە ئوخشىمىغان ساندىكى پارچىلەرنى ئۆز ئارا قوراشتۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىردا بىر پارچە رەسسىم، گۈزەل بىر مەنزىرە قوراشتۇرۇپ چىقىشنى مەخسەت قىلغان ئويۇن. ھەر بىر يۈرۈش قوراشتۇرۇش ئويۇنىنىڭ ئەڭ ئاددىسى 10 - 20  پارچىدىن تەشكىل تاپقان بولسا، مۈرەككەپلىرى 1000 پارچىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، كۆپۈنچىلىرى 200 – 300 پارچىدىن تەشكىل تاپقان. بىر يۈرۈش قوراشتۇرۇش ئويۇنى ئىچىدە بىر بىرىگە تامامەن ئوخشايدىغان ئىككى پارچە بولمايدۇ. ئۇ پارچىلەرنى قوراشتۇرغاندا، ھەر بىر پارچىنىڭ ھەر بىر تەرىپىگە تامامەن ماس كىلىدىغان پەقەت بىرلا پارچە بولىدۇ. بىز ئۇ پارچىلەرنى ئايرىم ئايرىم كۆرگىنىمىزدە، ھىچقانداق بىر مەزمۇن ياكى مەنزىرە كۆرمەيمىز.

ئەگەر ئويۇن ئوينىغۇچى ئۇ پارچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز جايىغا توغۇرا  قويالىسا، تولۇق بىر پارچە رەسسىم ياكى گۈزەل بىر مەنزىرە كۆز ئالدىمىزغا كىلىدۇ؛ شۇ سەۋەپتىن بىز ئۇ بىر بىرىگە پەقەت ئوخشىمايدىغان پارچىلەرنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ بىر يۈرۈش قوراشتۇرۇش ئويۇنى دەپ ئاتايمىز. ئەگەر ئوخشىمىغان ئىككى يۈرۈش ئويۇننىڭ پارچىلىرى ئۆز ئارا ئارلىشىپ قالسا، ياكى ھەر بىر پارچە  ئۆزىگە ماس كىلىدىغان توغۇرا جايىغا قويۇلمىسا، ئۇ ئويۇن تاماملانمايدۇ، يەنى تولۇق بىر رەسسىم ياكى مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولمايدۇ.
مەن ئادەتتە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ بىر ئىش قىلماقچى بولغان ياكى ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاشقان بىر گۇرپا ئىنسانلارنى، مۇشۇ قوراشتۇرۇش ئويۇنى "پۇززلە" غا ئوخشىتىشنى ياخشى كۆرىمەن. ئەگەر بىز ئورتاق نىشان ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاشقان بىر گۇرپا ئىنسان بىر يۈرۈش قوراشتۇرۇش ئوينىغا ئوخشاتساق، بۇ گۇرپىدىكى ھەر بىر ئىنساننى ئۇ ئويۇننىڭ ھەر بىر پارچىسىغا، گۇرپا باشلىقىنى ئويۇننى ئوينىغۇچىغا ئوخشىتىشىمىز مۈمكىن.
قوراشتۇرۇش ئويۇنىدىكى ھەر بىر پارچە بىر بىرىدىن پەرىقلىق بولغىنىغا ئوخشاش، ئورتاق مەخسەت ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاشقان ياكى بىرلىكتە بىر ئىش قىلماقچى بولغان بىر گۇرپا ئىنسانلارمۇ بىر بىرىدىن پەرىقلىق بولىشى مۈمكىن. ئۇلارنى بىر يەرگە  توپلىغان نەرسە ئۇلاردىكى ئوخشاشلىق بولماستىن بەلكى ئاخىرى يەتمەكچى بولغان ئورتاق نىشان، يەنى ئەڭ ئاخىردا ئۆز ئارا قوراشتۇرلۇپ چىدىغان مەنزىرە. ھەرقانداق گۇرپىغا تەۋە ھەر بىر ئىنسان گەرچە ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ مۇستەققىل كاللىسى بار، بىر بىرىدىن پەرىقلىق ئىنسانلار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆز قاراش، ئوي پىكىر، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىش بىجىرىش ئۇسۇلىرىدىكى پەرىقلەر، ھەرگۇزمۇ تەشكىلات ئىچىدىكى زىدىيەتنىڭ مەنبەسى بولماسلىقى كىرەك، ئەكسىنچە بۇ گۇرپا ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا ئاجىزلىقىنى تولۇقلاشتا زۆرۈر بولغان ئەۋزەللىك دەپ قارىلىشى ۋە ئۇنىنغا ھورمەت قىلىنىشى كىرەك.
قوراشتۇرغۇچى ئويۇن ئوينىغۇچى ئەگەر پارچىلارنى بىرلەشتۈرۈش جەيانىدا، ھەر بىر پارچە ئۆز ئورىنىغا قويۇلمىسا، ئۇلارنى ئۆز ئارا قوراشتۇرغىلى بولمايدۇ، بۇ ھەرگۈزمۇ ئۇ پارچىنىڭ بۇ بىر يۈرۈش ئويۇنغا تەۋە ئەمەسلىكنى بىلدۈرمەيدۇ. ئوخشاشلا بىر گۇرپا كىشىلەر ئارىسىدا بەزى كۆز قاراش ۋە پىكىر پەرىقى تۈپەيلىدىن بەزى ئىختىلاپلارنىڭ ئوتۇرغا چىقىشى، ھەرگۈزمۇ ئۇ ئادەمنىڭ ئۇ گۇرپىغا تەۋە ئەمەس ئىكەنلىگىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. بەلكىم ئۇ گۇرپىدىكى ھەر ئادەم ئورتاق نىشانغا يىتىش جەريانىدا ئۆز ئورنىنى تاپالمىغان بولۇشى مۈمكىن. مەن ئىشىنىمەنكى بىر يەرگە توپلاشقان بىر گۇرپا ئىنسانلار ئەگەر ھەققى تۈردە بىر ئورتاق نىشان ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاشقان بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى چوقۇم شۇ قوراشتۇرۇش ئويۇنى (پۇززلە) نىڭ بىر پارچىسىدۇر؛ ئۇ بىر پارچىنىڭ ئورنى توغۇرا تىپىلمىغانلىق سەۋەبىدىن، بىز ئۇنىڭ ئۇ بىر يۈرۈش ئويۇنغا تەۋە ئىكەنلىگىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى ئەخلەتكە تاشلىۋەتسەك، ۋە ياكى باشقا بىر قوراشتۇرغۇچى ئويۇن (پۇززلە) غا قوشۇپ ئوينىساق،  ھەرگۈز ئۇ پارچە بىلەن باشقا ئويۇننى تاماملاپ، ئاخىرقى گۈزەل مەنزىرنى پەرپا قىلالمايمىز، ھەم شۇنداقلا ئەسلىدىكى ئويۇندىنمۇ بىر پۈتۈن گۈزەل مەنزىرە كۆز ئالدىمىزغا كەلمەيدۇ.
شۇڭا بىز ئورتاق نىشان ئۈچۈن مەيلى قانچە گۇرپا بولايلى ۋە ياكى كىملەر بىلەن ھەمكارلىشايلى يەنى قانچە يۈرۈش قوراشتۇرۇش ئويۇنى (پۇززلە) ئوينايلى، ئالدى بىلەن بۇ گۇرپىدىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشى بارلىقىنى،  پەرىقلىق تەپەككۇر قىلىدىغان مۇستەققىل ئىنسان ئىكەنلىگىنى تونۇپ يىتىشىمىز ۋە ئۇنى ئىتىراپ قىلىشىمىز، ئۇنىنغا ھورمەت قىلىشىمىز زۆرۈر. ئاندىن ئۇ ئويۇن پارچىلىرىنى بىر يەرگە قويغاندا، بىر بىرى بىلەن ماسلاشماي قالسا، ئالدىراپ ئۇنى بىراقلا خاتاغا چىرىۋەتمەي، سوغاققانلىق بىلەن "مەن بۇ پارچىنى ئۆز ئۆرنىغا توغۇرا قويدۇممۇ يوق" دەپ ئويلاپ باقايلى؛  ئالدىراپ ئۇنى ئىنكار قىلمايلى، ئۇنى ئەخلەت قاتارىدا تاشلىۋەتمەيلى. ئەگەر بىز ئالدىراپ خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇ ئويۇننىڭ بىرەر پاچىسىنى يوق قىلىۋەتسەك، بۇ ئويۇن ھەرقانچە ياخشى ئوينالسىمۇ ھەرگۈز تاماملانمايدۇ.
ھەتتا بىز ياشاۋاتقان پۈتۈن دۇنيانىمۇ شۇ قوراشتۇرۇش  ئۇينىغا ئوخشۇشتۇش مۈمكىن. ئەگەر بىز قوراشتۇرۇش ئويۇنىدىكى بىر بىرىدىن پەرىقلىق بولغان بارلىق پارچىلارنى بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلار دىسەك، ھەر بىر ئىنسان باشقىلارغا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى باشقىلاردىن پەرىقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇنيا گۈزەل دۇنيا بولغان. ھەر بىر ئىسان پەقەت ئۆزى بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى توغۇرا ئورنىنى تاپالىسا، ئاندىن ئۆزنىڭ بۇ دۇنيادىكى قىممىتىنى تاپالايدۇ. 

ھەممىمىز بىلگەندەك يالغۇز ئوخشىمىغان ئىرقى، ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن بولغان ئىنسانلارلا ئەمەس، بەلكى ئوخشاش بىر ئىرقى، ئوخشاش بىر مىللەتتىن بولغان ئىنسانلار، ھەتتا ئوخشاش بىر ئاتا ئانىدىن بولغان قىرىنداشلارمۇ پەرىقلىق قىلىپ يارىتىلغان. ئىناسانلارنىڭ يالغۇز چىرايى پەرىقلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ مىجەز خۇلقى، خاراكتىرى، تۇرمۇش ئادىتى، مەدىنىيەت ساپاسى، ئەخلاپ پەزىلىتى، قىززىقىشى، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىش بىجىرىش ئۇسۇللىرىمۇ پەرىقلىق. دۇنيادا يۈز بىرىۋاتقان نۇرگۇن گۈزەللىكلەر، ياخشى ئىشلار ۋە تەرققىياتلار بۇ پەرىقلىق تۈپەلدىن دۇنياغا كىلىۋاتقىنىغا ئوخشاش،  بارلىق تالاش تارتىشلار، ئۇرۇش جىدەللەر ۋە توقۇنۇشلارمۇ دەل مۇشۇ پەرىقلەر تۈپەيلىدىن بولىدۇ.
ئۇنداقتا ئاللاھ نىمە ئۈچۈن بارلىق ئىنسانلارنى ئوخشاش قىلىپ ياراتمايدۇ؟ ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى شۇنداق پەرىقلىق قىلىپ يارتىشىنىڭ مەخسەت مۇدداسى نىمە؟ ئۇلارنى ئۇرۇش جىدەلگە سىلىپ توقۇنۇش پەيدا قىلىشمۇ؟ ياق، ھەرگۈز ئۇنداق ئەمەس. دۇنيا دەل شۇ پەرىق ۋە زىدىيەتلەر تۈپەيلىدىن ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىدۇ؛ دۇنيا دەل شۇ رەڭگا رەڭلىكى بىلەن تىخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. بىز دەل شۇ پەرىقلەر تۈپەيلىدىن، نىمىنىڭ ياخشى، نىمىنىڭ يامانلىقىنى، نىمىنىڭ گۈزەل، نىمىنىڭ رەزىللىكىنى، نىمىنىڭ راس، نىمىنىڭ يالغانلىقىنى، نىمىنىڭ ئىتىپاقلىق، نىمىنىڭ ئىتىپاقسىزلىق ئىكەنلىگىنى، نىمىنىڭ بىرلىك، نىمىنىڭ بۆلۈنۈش ئىكەنلىگىنى، نىمىنىڭ بەرپا قىلىش / ياساش، نىمىنىڭ بۇزۇش ئىكەنلىگىنى، نىمىنىڭ ئۇرۇش، نىمىنىڭ تىنچلىق ئىكەنلىگىنى بىلىمىز. نىمىنىڭ قۇل بولۇش، نىمىنىڭ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ئىكەنىلىكىنى، نىمىنىڭ مۇستەققىللىق، نىمىنىڭ مۇستەملىكە ئىكەنلىگىنى بىلىمىز. ۋەتەندىن ئايرىلغاندا، ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى تازا تارتقاندا، ئاندىن ۋەتەننىڭ قەدىرىگە يىتىمىز. بۇ پەرىق ۋە زىدىيەتلەر يالغۇز سىلىشتۇرما خارەكتىرلىق بىر مۇھىت يارىتىپ، بىزنىڭ دۇنيانى تونۇشىمىزغا ياردەم بىرىپ قالماستىن، بەلكىم رىقابەتلىك بىر مۇھىت ھاسىل قىلىپ، بىزنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىق تەپەككۇر قىلىپ ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرۇپ تۇرىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ.
ئەزەلدىن دىڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان ئادەم، دىڭىزغا شۇنداق ھەۋەس قىلىدۇ. ئەگەر ئەزەلدىن دىڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان بىر ئادەم، تۇنجى قىتىم پارخوت بىلەن دىڭىزنى ساياھەت قىلغاندا، بەك ھاجانلىنىدۇ، بىراق ئەگەر دىڭىز شۇنداق تىنچ بولسا،  پارخوتتا قىلغىدەك باشقا ئىش، كۆرگۈدەك باشقا نەرسە بولمىسا، ئۇ ئادەمنىڭ دىڭىزغا بولغان ھاياجىنى قانچە ئۇزۇن داۋام قىلار؟ بىر نەچچە سائەت؟ بىر نەچچە كۈن؟ بۇنىڭ جاۋابى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇنىڭ سەۋەبى دىڭىزدا كۆپ ئۆزگۈرۈش ۋە پەرىقنىڭ بولماسلىقى. ئۇنداقتا بىز دۇنيانىڭ رەڭگا رەڭلىكىدىن، ئىنسانلارنىڭ بىر بىرىدىن پەرىقلىقىدىن نىمىشقا شىكايەت قىلىمىز؟ ئىنسانلارنىڭ ئوي پىكىر، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىش بىجىرىشتىكى پەرىقنى نىمە ئۈچۈن ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزگۈچە بىر ئىنسان بولۇشىدىكى مۇقەرەرلىك ۋە زۆرۈرىيەت دەپ چۈشەنمەيمىز؟ ئۇنى ئىنسانلارنىڭ بىر بىرىنى تولۇقلاشتىكى ئەۋزەللىك دەپ بىلمەيمىز؟ بىز نىمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئويلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز، ياكى ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارىشىنى باشقىلارغا مەجبۇرە تاڭىمىز؟
ئەگەر شۇ قوراشتۇرۇش ئويۇنىڭ ھەر بىر پارچىسى ئوخشاش بولسا، قانچىلىك ئادەم ئۇنى ئويناشقا قىززىقار؟ ئەگەر بارلىق ئىنسانلار بىر بىرىگە تامامەن ئوخشاش قىلىپ يارتىلسا، ئوخشاش ئويلايدىغان، ئوخشاش تەپەككۇر قىلىدىغان بولسا، بۇ دۇنيدا قانداق بىر دۇنيا بولار ئىدى؟ بۇ دۇنيادا زىدىيەت ۋە ئىختىلاپ تۇگەپ 
قالارمىدى؟

No comments: