Sunday, November 5, 2017

ھازىرقى تەرەققىيات ۋە بىزدىكى تەپەككۇر

ھازىرقى تەرەققىيات  ۋە  بىزدىكى تەپەككۇر

مەمەت ئىمىن

بىز بىرەر ئىش توغۇرسىدا مۇنازىرە قىلغاندا، ئىلىم - بىلىمنى ۋە ئىنسانلارنىڭ مەلۇم شەيى ۋە ھادىسىگە بولغان قارىشىنى پەننى ۋە دىننىي دەپ ئىككىگە ئايرىمىز. ئەمىلىيەتتە ئەگەر بىز پۈتۈن كايىناتنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بەرپا قىلغانلىقىغا ئىشەنسەك، ئاللاھنىڭ داھىرسىدىن ھالقىپ چىقىپ كەتكەن ئىلىم-بىلىم بولمايدۇ. ھەرقانداق پەننى ۋە دىننىي ئالىم ئۈگەن'گەن ئىلىم بىلىملارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بىزنىڭ ئىگەللىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ئاتا قىلغان كايىناتنىڭ سىرلىرىدۇر.

ئىنسانلار ھەرقانداق موجىزە ياراتقاندا، تەببى قانۇنيەتتىن يەنى ئاللاھنىڭ قانۇنيىتىدىن ھالقىپ چىقالمايدۇ. ئەگەر ئىنسانلار بىرەر ئىشتا ۋە ياكى مۆجىزە يارىتىشتا مەغلۇپ بولغان بولسا، ئۇنىڭ پەقەتلا ئىككى خىل سەۋەبى بولىدۇ، بىرى ئۇ ئىشنىڭ قانۇنيىتىنى تىخى تولۇق ئىگەللىمىگەنلىكتىن، يەنە بىر بۇ قىلماقچى بولغان ئىش ياكى ياراتماقچى بولغان مۆجىزە ئاللاھنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن

تۆۋەندىكى خەۋەردە ئەسلى ئوغۇل بالا بولۇپ تۇغۇلۇپ، كىيىن ئايالغا ئۆزگەرگەنلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئەغىر ئاياق بولۇش ۋە بالا تۇغۇش ئىھتىماللىقى بار دەپتۇ. ھەممىز بىلگەندەك ئەغىر ئاياق بلۇش ۋە بالا تۇغۇش ئۈچۈن، بالا ياتقۇ بولغاندىن باشقا، تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىدىغان تۇخۇمدان، ھەيىز ۋە ھەر خىل فىزىلوگىيەلىك ئۆزگۇرۇشلىرىنى كونتۇرۇل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ھورمۇنلار بولۇش كىرەك.

ئەگەر كەلگۇسىدە ئەسلى ئوغۇل تۇغۇلغانلار ئوپىراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئايالغا ئۆزگەرگەندىن كىيىن ئەغىر ئاياق بولۇپ بالا تۇغسا، ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن بىرى بوي سۇنۇپ كىلىۋاتقان تەببىي كۆپىيىش قانۇنيەتى تۇنجى قىتىم ئۆزگەرتىلگەن بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئىش بولسا، بۇ تەببىي قانۇنيەتكە يەنى ئاللاھنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغان بولامدۇ يوق؟


بىز نەچە كۈندىن بىرى ھەر خىل ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا قارا نىقاپ كىيىش توغۇرسىدا تالاش تارتىش قىلىشىپ، تارىختىن سوز ئىچىشتۇق، پەيغەمبىرىمىزنىڭ نىمە دىگەنلىگىنى ئوتۇرغا قويۇشتۇق. ھەقىقتەن تارىختا ئۇ خىلدىكى نىقاپلىق كەيىم كەچەكلەرنى يالغۇز ئەرەپلەر ۋە ياكى مۇسۇلمانلار كەيگەن ئەمەس. نۇرغۇن ئوخشىمىغان دىندىكى ۋە ئوخشىمىغان ئىرقىدىكى مىللەتلەر، ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە شۇ خىلدىكى نىقاپلىق كىيىم كىچەكلەرنى كىيىپ كەلگەن. ھازىر دەۋىر زامان ئۆزگەرگىنى ئۇچۇن، ئىنسانلارنىڭ كەيىم كىچەكلىرىدە، يىمەك ئىچمەكلىرىدە، تۇرمۇش ئادەتلىرىدە، ھەر خىل ئىشلەپ چىقىرىش قوراللىردا ۋە تەپپەككۇر قىلىش ئۇسۇللۇرىدا چوڭ ئۆزگۇرۇشلەر بولدى، ۋە بولىۋاتىدۇ. 1400 يىل بۇرۇنقى ئەجداتلىرىمىز قىلىپ باقمىغان، ھەتتا خىيالىغىمۇ كەلتۇرمىگەن نۇرغۇن ئىشلارنى، بىز كۆرىۋاتىمىز ۋە قىلىۋاتىمىز. تەجىربەخانىلاردا ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنى چەتىشتۇرۇپ بالا پەيدا قىلىۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نىممىتى بىلەن بولاۋاتىدۇ. بىز يەنىلا زامانغا ماسلاشماي، تەپەككۇرىمىزنى 1400 يىل ئىلىگىركى بويىچە ساقلاپ قالساق، بىر تەرپتىن ئەجداتلىرىمىز تۆگە ۋە ئىشەككە مىنگەن دىمەي، ماشىنىغا ۋە ئايرۇپىلانغا ئولتۇرساق، يەنە بىر تەرەپتىن تارىخنىڭ مەلۇم زامانىدا مەۋجۇت بولغان قارا نىقاپلارنى نەچچە كۈن تالاش تارتىش قىلساق، ھالىمىزغا ۋاي.



No comments: