Saturday, July 14, 2018

ئىختىلاپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش

ئىختىلاپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش
ئاۋازلىق نۇسقىسى
مەمەت ئىمىن

ئىختىلاپ دىگىنىمىز ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەرەپلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۆز ئارا قىتىلماسلىق، ئۆز ئارا قارشىلىشىش ۋە ئۆز ئارا ئىنكار قىلىش.


ھەر كاللىدا ھەر خىيال دىگەندەك، ئوخشىمىغان كاللا، ئوخشىمىغان ئەقىل بىلەن ئوخشىمىغان كۆز قاراشتا ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئارىسىدا ھەر ئىشتا ھەر دائىم ئۆز ئارا تامامەن ئوخشاش قاراشتا، ئوخشاش پىكىردە بولۇش مۈمكىن ئەمەس، شۇ سەۋەپتىن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپتىن تامامەن ساقلىنىشمۇ مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە، ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىش بەك موھىم. ئەگەر ئىختىلاپ ساغلام بىر ئۇسۇلدا توغۇرا بىر تەرەپ قىلىنسا، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىدۇ. ئەگەر ئىختىلاپ ۋاختىدا ساغلام بولغان بىر ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئۇ توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش جىدەلگە تەرەققى قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردە ئەسلىگە كىلىش قىيىن بولغان ئىغىر زەخمىلەرنى پەيدا قىلىشى مۈمكىن.

ئىختىلاپنى تۆۋەندىكىدەك 3 تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ

بىرىنجىسى مۇناسىۋەت ئىختىلاپى. بۇ خىلدىكى ئىختىلاپ ئاساسلىقى شەخىسلەر ۋە تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتنى چۆرىدىگەن ھالدا يۈز بىرىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ كىملىكى، ئوبرازى، ئابرويى، غۇرۇرى، سەمىمىيەتلىكى، ئىشەنچىسى، ساداقەتلىكى، ۋاپادارلىقى ۋە ئەخلاق پەزىلىتى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىنسانلار ئۆز ئارا سەمىمى، راستچىل، ساداقەتلىك، ۋاپادار بولمىغاندا، ۋە ياكى ئۆز ئارا گۇمان قىلغاندا، ئۆز ئارا ئىشەنمىگەندە، باشقىلارنىڭ كىملىكنى، ئوبرازىنى، ئابروھىنى خۇنىكلەشتۈرۈپ، باشقىلارنىڭ غۇرىغا تەككەندە ئاسان ئىختىلاپ پەيدا بولىدۇ.

ئىككىنجىسى مەخسەت مۇددۇئا ئىختىلاپى. بۇ خىلدىكى ئىختىلاپ ئاساسلىقى مەخسەت مۇددۇئاغا يىتىش جەريانىدىكى ئۇسۇل، ۋاستە ۋە يۆلۈنۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا يۈز بىرىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى مەخسەت مۇددۇئا ۋە ئۇنىڭغا يىتىش جەريانىغا بولغان چۈشەنچە، تونۇش قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئۈچىنجىسى پايدا مەنپەت ئىختىلاپى. بۇ خىلدىكى ئىختىلاپ ئاساسلىقى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ۋە ياكى مەخسەت مۇددۇئاغا يەتكەندىن كىيىن ئىگە بولغان پايدا مەنپەتنى چۆرىدىغان ھالدا يۈز بىرىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە ياكى ئىگە بولغان پايدا مەنپەتكە قانداق ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە ياكى ئۇنىڭ قانداق تەخسىم قىلىنىشى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئىختىلاپ پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەپلىرى

بەزىلەر ئىختىلاپنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى ئىنسانلار ئارىسىدىكى كۆز قاراش پەرىقىدىن دەپ قارىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئىنسانلار ھەر جەھەتتىن پەرىقلىق قىلىپ يارىتىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ مۇستەققىل تەپەكۇرى ۋە پەرىقلىق كۆز قارىشىنىڭ بولۇشى تامامەن نورمال ۋە تەبىئى ئىش، بىراق ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئەمەس.  ئىنسانلار ۋە ياكى ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپقان تەشكىلاتلار ئارىسىدا  ئىختىلاپ پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىنسانلارنىڭ "ئۆزى" نى ئويلىشى بىلەن "ئومۇملۇقنى" نى ئويلىشى ئارىسىدىكى بىنورماللىق ۋە ياكى ئۇلار ئارىسىدىكى ئىغىر دەرىجىدىكى تەڭپۇشسىزلىقتۇر. يەنى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ئويلىشى ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ، باشقىلارنى ياكى ئومۇملۇقنى ئويلىشى ئاجىزلاپ كەتكەندە ۋە ياكى ھەممە ئىشتا "مەن، ئۆزەم" ئاساسى ئىقىمغا ئايلانغاندا،  تەبىئى ھالدا ئىختىلاپ كىلىپ چىقىدۇ.

  
ئەگەر بىر ئىنسان ۋە ياكى بىر گۇرپا ئىنسانلار ئۆزىنى ۋە ئومۇملۇقنى ئوخشاشلا ئويلىمىسا، ئۇنداق ئىنسانلار ئادەتتە ھىچ ئىشقا قىززىقمايدىغان، دۇنيانىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمايدىغان، ھەممە ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن بولىدۇ.

ئەگەر بىر ئىنسان ۋە ياكى بىر گۇرپا ئىنسانلار ئۆزىنى ۋە ئومۇملۇقنى ئوخشاشلا ئوتۇرال دەرىجىدە ئويلىسا، ئۇنداق ئىنسانلار ئارىسىدا ئاسان ئىختىلاپ يۈز بەرمەيدۇ، ئەگەر ئىختىلاپ يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنداق ئىنسانلار ئادەتتە ئۆز ئارا مۇرەسسە قىلىدۇ ۋە كىلىشىدۇ.

ئەگەر بىر ئىنسان ۋە ياكى بىر گۇرپا ئىنسانلار ئۆزىنى ۋە ئومۇملۇقنى كۇچلۇك دەرىجىدە ئورتاق ئويلىدىغان بولسا، ئۇنداق ئىنسانلار ئادەتتە ھەم ئۆزى ھەم ئومۇملۇق ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشقا قاتتىق ئىنتىلىدۇ. ئۇنداق ئىنسانلار پىسخىكىسى ساغلام، ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار ئىنسانلار بولۇپ، ئىش بىجىرىشتە ئەخلاق پەزىلەت ۋە سەمىمىيەتلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپلارمۇ توغۇرا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئۇنداق ئىنسانلار ئۆز ئارا ئەركىن ۋە ئادىل رىقابەتلىشىدۇ؛ ئۆزىگە ئوخشاش قابىلىيەتلىك ئىنسانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئورتاق غەلىبە ۋە مۇئاپىقىيەت ئۈچۈن ئوراتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

ئەگەر بىر ئىنسان ۋە ياكى بىر گۇرپا ئىنسانلار پۈتۇنلەي ئۆزىنى ئويلاپ، باشقىلارنى، ئومۇملۇقنى پەقەت ئويلىمىسا، ئاسان ئىختىلاپ پەيدا بولىدۇ. ئۇنداق ئىنسانلار ئادەتتە بەك شەخسىيەتچى ۋە قىزغانچۇق كىلىدۇ؛ ئۇنداق ئىنسانلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئادەتتە پىسخىكىسى ساغلام بولمىغان ئىنسانلار بولۇپ، باشقىلارنىڭ مۇئاپىقىيەت قازىنىشىنى ھەرگۈز كۆرەلمەيدۇ، باشقىلارنى ئاسان ئىنكار قىلىدۇ. ئۇنداق ئىنسانلارنىڭ كۆپۈنچىسى باشقىلارنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن ھوزۇر ئالىدۇ. ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى ھەر دائىم ئومۇمنىڭ مەنپەتى ئۈستىگە قويىدۇ، ۋە ياكى ئۆزىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئومۇمنىڭ مەنپەتىنى قۇربان قىلىدۇ. بۇنداق ئادەملەر بىلەن باشقىلار ئارىسىدا ھەر دائىم ئىختىلاپ يۈز بىرىدۇ، ياكى بۇنداق ئادەملەر ھەر دائىم باشقىلار ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولۇشقا سەۋەپ بولدۇ.

ئىختىلاپنى بىر تەرەپ قىلىش

ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا ئىختىلاپتىن تامامەن ساقلىنىش ئۇنچە ئاسان بولمىسا كىرەك، شۇ سەۋەپتىن ئەڭ موھىم بولغىنى يالغۇز ئىختىلاپتىن قانداق ساقلىنىشقا تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە ئۇنى قانداق قىلىپ توغۇرا بىر تەرەپ قىلىشمۇ بەك موھىم. ئەڭ موھىمى ھەر بىر ئىنسان ئىنسانلارنىڭ پەرىقلىق ئىكەنلىگىنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنى توغۇرا تونۇش ۋە ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغۇرا بەلگۈلەش كىرەك.




ئىختىلاپ كەيپىياتنى ئىغىر دەرىجىدە بۇزىشى، كۆڭەلگە ئازار بىرىشى، ئىنساننى ئەپسۇسلاندۇرۇشى ۋە راھەتسىز قىلىشى مۈمكىن. ئەگەر ئىختىلاپ ساغلام بولمىغان ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنسا مۇناسىۋەت تامامەن بۇزۇلىشى، ھەتتا توقۇنۇش يۈز بىرىشى مۈمكىن. ئەگەر ئىختىلاپ ساغلام ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنسا ئۆز ئارا چۈشەنچىنى ئىلگىرى سۈرىشى، ئۆز ئارا ئىشەنچ ۋە دوستلۇق پەيدا قىلىشى مۈمكىن.

رونالد رەگان مۇنداق دىگەن ئىكەن، "تىنچلىق دىمەك ئىختىلاپ يوق دىمەك ئەمەس، ئۇ ئىختىلاپنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش قابىلىيىتى دىمەكتۇر".

ئىختىلاپنى توغۇرا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىختىلاپقا سەلبى پوزىتسىيەدە بولۇپ، ئۇنىڭغا ساغلام بولمىغان ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ساقلىنىش كىرەك. ئەڭ موھىمى ئىختىلاپقا ئىجابى پوزىتسىيەدە بولۇپ، ساغلام ئىنكاس قايتۇرۇش كىرەك.

ئىختىلاپقا ساغلام بولمىغان سەلبى ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ئىپادىلىرى:
1. ئىختىلاپقا سەۋەپ بولغان مەسىلىنىڭ موھىم ياكى موھىم ئەمەسلىكىنى تونۇپ يىتەلمەسلىك
2. ئۆز كەيپىياتىنى كونتۇرۇل قىلالماسلىق، غەزەپلىنىش، ئاچىقلىنىش، ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش
3. رەت قىلىش، ئىنكار قىلىش، ھاقارەتلەش، تەھدىت قىلىش
4. ئىختىلاپتىن قورقۇش، ئەندىشە قىلىش، ئۆزىنى قاچۇرۇش
5. ئاقىۋەتنىڭ ناچار بولىشىنى ئۈمۈد قىلىش

ئىختىلاپقا ساغلام ۋە ئىجابى ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ئىپادىلىرى:
1. ئىختىلاپقا سەۋەپ بولغان قايسى مەسىلىنىڭ موھىم، قايسى مەسىلىنىڭ موھىم ئەمەسلىكىنى تونۇپ يىتىش
2. ئەپۇ قىلىشقا ۋە ئۇنتۇپ كىتىشكە تەييار بولۇش
3. مۇرەسسە قىلىش ۋە كىلىشىش ئىقتىدارى بولۇش
4. جازالاش ۋە ئۆچ ئىلىش ئىستىكى بولماسلىق
5. كىلىشىش ئارقىلىق ئىككىلا تەرەپكە ئورتاق پايدىلىق بىر نەتىجىنىڭ ئوتۇرغا چىقىشىغا ئىشىنىش

ئىختىلاپنى توغۇرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى

1. سىتىرەس يەنى جىددىلىشىشنى كونتۇرۇل قىلىش كىرەك. سالماق بولۇش، قارشى تەرەپنىڭ تىل ۋە بەدەن ھەركىتى بىلەن ئىپادىلىمەكچى بولغان مەخسەت مۇدۇئاسىنى ئىنىق چۈشۈنۈپ يىتىش كىرەك. زۆرۈر بولغان يومۇر ئارلاشتۇرۇپ، كەيپىياتنى تەڭشەش كىرەك.
2. كەيپىيات ۋە قىلمىشنى كونتۇرۇل قىلىش كىرەك. ئەگەر بىز كەيپىياتىمىزنى ياخشى كونتۇرۇل قىلساق، باشقىلارغا تەھدىت قىلماي، باشقىلار بىلەن ئۇرۇش جىدەل قىلماي، باشقىلارنى جازالىماي تۇرۇپ، ئۇلارغا بىلدۈرمەكچى بولغان مەخسىتىمىزنى سالقىن بىر كەيپىيات ئىچىدە تىنچ يول بىلەن ئاڭلىتالايمىز.
3. باشقىلارنىڭ ھىس تۇيغىسىغا ۋە دىمەكچى بولغان مەخسىتىگە دىققەت قىلىش ياكى ئۇنىڭغا ئىتىۋار بىرىش كىرەك.
4. ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەر خىل پەرىقلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلىش، ئۇنى ئىتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش كىرەك.
5. كەڭ قوساق بولۇش، ئەپۇ قىلىشنى بىلىش كىرەك. مەسىلە ھەل قىلىشنى ئاساس مەخسەت قىلىپ، باشقىلارنى جازالاشنى ۋە ياكى ئۇلارغا ھاقارەت قىلىشنى ئاساس مەخسەت قىلماسلىق كىرەك.
6. قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاشقا، ئۇلارنى خاتاغا چىقىرىشقا،  ياكى ئۇلارنىڭ يۈز ئابرويى ۋە غۇرۇرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنماسلىق كىرەك.
7. دىقەتنى ئىختىلاپ پەيدا قىلغان ئاساسى مەسىلىگە يىغىپ، كونا خاماننى سۆرەپ چىقماسلىق، ئەينى ۋاقىتتا ئىختىلاپ پەيدا قىلغان زىدىيەتنى موھىم ئورۇنغا ھەل قىلىش كىرەك.
8. ئىختىلاپ بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان مەسىلىلەرگە بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تەگمەسلىك كىرەك.
9. باشقىلارغا بوھتان چاپلىماسلىق، باشقىلارنى يالغان سۆزلەر بىلەن قارلىماسلىق كىرەك.
10. قاچان ۋە قانداق ۋاقىتتا بولدى قىلىشنى ۋە مۇرەسسەلىشىشنى بىلىش كىرەك.

2018 -يىلى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى نىيۇ يورك

No comments: