Tuesday, July 17, 2018

بىزدىكى ئىختىلاپ ۋە ئۇنىڭ سەۋەپلىرى

مەمەت ئىمىن



نۆۋەتتە ۋەتەن سىرتىدىكى خەلقىمىز ئىچىدە بولۇپمۇ داۋا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى شەخىسلەر ۋە تەشكىلاتلار ئارىسىدا يۈز بىرىۋاتقان ئىختىلاپلار، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئوتۇرغا چىقىپ، بىر تەرەپتىن كەڭ خەلق ئاممىسىنى راھەتسىز قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن داۋاغا ئىغىر زىيانلارنى ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ. كۆپۈنچە كىشىلەر يۈز بىرىۋاتقان ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈمۈد قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەپلىرىنى تونۇپ يىتىشتە بەزى پەرىقلەر بولغىنى ئۈچۈن، يەنى ئىختىلاپ پەيدا بولۇشقا سەۋەپ بولغان ئامىللارغا نىسبەتەن ئالاھىدە ئىزدىنىش ئىلىپ بارماي، قارشى تەرەپنى نوقۇل ھالدا خائىن، جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىپلىگىنى ئۈچۈن، ئارىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان ئىختىلاپلار بىسىقماي ئەكسىنچە كۈندىن كۈنگە كەسكىنلىشىپ، ئارىمىزدىكى ئىغىر دەرىجىدە بۆلۈنۈشكە ۋە ئىتىپاقسىزلىققا سەۋەپ بولاۋاتىدۇ.

مەن يىقىندا ئىختىلاپنىڭ كىلىپ چىقىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش توغۇرسىدا ئۇنىۋەرسال بىر ماقالە يىزىپ ئىلان قىلغان ئىدىم. 

تۆۋەندە مەن ئارىمىزدىكى ئىختىلاپلارنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەپلىرىنى ئۆزىمىزدىكى بەزى كۆنۈپ كەتكەن كۆز قاراش، تەپەككۇر قىلىش ۋە مەسىلەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىمىز بىلەن، بولۇپمۇ بىنورمال بولغان بەزى ئادەتلىرىمىز بىلەن بىرلەشرۈپ، بۇ ئىختىلاپلارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەپلىرىنى ئانالىز قىلىپ چىقماقچى، ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىشقا بەزى تەكلىپلەرنى بەرمەكچى. بىز ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ شەھىلەرگە بولغان پوزىتسىيەسىنى، روھىي ھالىتىنى، كەيپىياتىنى، تەپەككۇر قىلىش، مەسىلەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مىجەز خۇلقىنى ئورتاقالاشتۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىغا يىغىنچاقلايمىز. تۆۋەندىكى مەزمۇنلار پەقەتلا ئۆزەمنىڭ ئۇزۇندىن بىرى خەلقىمىزنىڭ شۇ پىسخىكىسىنى كۈزۈتۈپ ئوتۇرغا قويغان شەخسى كۆز قاراشلىرىم.

مەن بۇ ئىختىلاپلارغا سەۋەپ بولىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا، مىللى مەنپەتىمىزگە خىلاپ ھالدا خەلقىمىزگە ئىھانەت قىلىۋاتقانلارنىڭ، ھەتتا ئارىمىزدا "قوي تىرىسىگە ئورنىۋالغان بۆرىلەر" نىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايمەن، بىراق مىنىڭ قارىشىمچە ئۇلار بەك ئاز ساندىكى كىشىلەر بولۇپ، كۆپۈنچىسىنىڭ ئىسمى جىسمى يوق. ئەمما ئەپسۇس بەزى ئىسمى جىسمى بار ئىنسانلارمۇ ئەقلىنى يوقۇتۇپ، ھىس تۇيغۇسىغا تايىنىپ ئاغزىغا كەلگىنىنى سۆزلەپ، ھەر خىل زىدىيەت ۋە ئىختىلاپلارغا سەۋەپ بولاۋاتىدۇ.  يەنە بەك ئەپسۇس، ئىنسانلىرىمىز ئۆزلىرىدىن، بىز كۆپ ساندىكى كىشىلەر نىمە ئۈچۈن ئۇ ئاز ساندىكى "ئىسمى جىسمى يوق" كىشىلەرنىڭ ئوينىغا كەلدۇق، بىز نىمە ئۈچۈن ئۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن بىر سەنەمگە ئۇسۇل ئوينىدۇق، بىز نىمكە ئۈچۈن ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ مۇستەققىل تەپەككۇر قىلىپ باقمىدۇق دەپ سوراپ باقماي، ئارىمىزدىكى ئىختىلاپلارنىڭ ئوتۇرغا چىقىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا ئارتىپ، ئۆز مەسۇليىتىدىن قۇتۇلماقچى بولاۋاتىدۇ.

ئۆز مىللىتىگە ئىھانەت قىلىدىغان خائىن، مۇناپىقلار ھەممە مىللەت ئارىسىدا، ھەر يەر ۋە ھەر ۋاقىتتا بولىشى مۈمكىن، بىراق ئۇنداق ئىنسانلار ھىچ بىر زامان، ھىچ بىر مىللەتتە كۆپ ساندا ۋە ئاساسى ئىقىمدا بولمىغان. بىزدىمۇ ھەم شۇنداق. مۇستەققىل تەپپەكۇرى ۋە ئەقلى ھۇشى جاھىدا بولغان بىر توپ ئادەملەر،  ئوخشاش خاتالىقنى  بىر قىتىم ئەمەس، قىسقا ۋاقىت ئەمەس،  ئۇزۇن زامان قايتا قايتا سادىر قىلىپ، ئاخىردا ئۇنىڭ سەۋەبىنى باشقىلاردىن كۆرسە، ئۇ ئىغىر دەرىجىدىكى مەسۇليەتسىزلىك بولىدۇ. ئۆزى سادىر قىلغان خاتالىقنى ئىنكار قىلغانلىق، ۋە ئۇ خاتالىقنى ھەرگۈز تۈزەتمەيمەن دىگەنلىك بولىدۇ. بۇ بىزدىكى ئىختىلاپلارنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىنىڭ بىرىدۇر.

2008يىلى خىتتايدىكى ئولىمپىكنىڭ ئالدى كەينىدە ئوتۇرغا چىققان سانلۇ سۈت پارشۇكى ۋەقەسىدىن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بولسا كىرەك. خىتتايدا سۈت پارشۇكى ئىشلەپ چىقىرىشتا ئەڭ چوڭ شىركەت دەپ سانالغان سانلۇ شىركىتى 15 يىل، خىمىيەلىك ئۇسۇلدا يالغان سۈت پارشۇكى ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سالغان. ئۇ سۈت پارشۇكى تەركىۋىدىكى خىمىيەلىك ماددىنىڭ بۆرەك ۋە سۈدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىش، ئەرلەرنىڭ ئەۋلات قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى يوق قىلىش قاتارلىق زىيانلىرى بار بولۇپ، 15 يىل ئىچىدە 300000 ئادەمنىڭ كىسەلگە گىرىپتار بولۇشىنى، 54000 بوۋاقنىڭ كىسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يىتىپ قىلىشنى، 12 بوۋاقنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىنى ۋە مىلىيونلىغان ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ۋاستىلىق زىيانغا ئۇچۇرشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ئىش ئاشكارە بولۇپ قالغاندىن كىيىن، ھۆكۈمەت ئۇنى يەنە داۋاملىق يوشۇرۇشقا كۆزى يەتمەي، پۈتۈن جىنايەتنى بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ، ئۇلارنى جازالىغان. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ "ئۆچىنى" ئىلىپ بىرىپ ئادەلەتنى ساغلۇغىچى بولغان، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭمۇ "ئۆچى" ئىلىنىپ، پۇخادىن چىققان. بىراق خىتتايدىكى يىمەكلىك بىخەتەرلىكى بۇرۇن قانداق بولسا ھەلى ھەم شۇنداق داۋاملاشقان، ۋەقە بايقالسا، بىرلىرىنى "قۇربانلىق قوي" قىلىپ جازالىغان، ھىچكىم ئوخشاش خاتالىق نىمە ئۈچۈن قايتا قايتا ئۇزۇن مۇددەت يۈز بىرىۋىرىدۇ دەپ سوئال سورىمىغان، سۈرۈشتە قىلمىغان؛ ھىچكىم ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ پۈتۈن سىستىمىدا ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان، ۋە ياكى ئويلاشقا پىتىنالمىغان. چۈنكى كەڭ خەلق ئاممىسى شۇنداق تەربىلەنگەن ۋە ئۇنى رىياللىق دەپ قوبۇل قىلغان. بىزمۇ شۇ موھىتتا تەربىيە ئالغان، ۋە شۇنداق مەنتىقىنى رىياللىق دەپ قۇبۇل قىلغان ياكى ئۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن.

مىنىڭ يۇقارقى مىسالنى تىلغا ئىلىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، بىزدىكى ئىختىلاپلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يالغۇز ئارىمىزدىكى ئاز ساندىكى "قوي تىرىسىگە ئورنىۋالغان بۆرە" لەر سەۋەبىدىن بولماستىن، بەلكى ئۆزىمىزدىكى قان قىنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن بىنورمال ئادەتلىرىمىز، يەنى بىنورمال پىسخىكىمىز سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دىگەننى ئوتۇرغا قويۇش ئۈچۈندۇر. ئەگەر بىز  ئۆز ئۆزىمىزدىن "بىز شۇنچە كۆپ ساندا تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن ئاز ساندىكى بۇزغۇنچىلارنىڭ ئوينىغا كەلدۇق" دەپ سوئال سورىمىساق، ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ مۇستەققىل تەپەككۇر قىلىشنى ئۈگەنمىسەك، باشقىلار نىمە دىسە، ئۇنىڭغا ئىشەنسەك، كاللىمىزغا ئورناپ كەتكەن ئەسكى "قاراشنى" نى ئۈزۈل كىسىل تازلىمىساق، ئۆزىمىزدە بار بولغان بۇ "كىسەللىكلەرنى" نى ئۈزۈل كىسىل ساقايىتمىساق، بىزدىكى مەسىلىلەردە ھەرگۈز تۈپ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ، يۈز بەرگەن خاتالىق قايتىلىنىدۇ، ئىختىلاپلار داۋام قىلىۋىرىدۇ.


بىزدىكى ئىختىلاپلارنىڭ كۆپ بولىشىغا سەۋەپ بولغان ئىڭىمىزدىكى يىتەرسىزلىكلەر ۋە پىسخىكىمىزدىكى بىنورماللىقلار

1. بىزدىكى مىللى روھ، مىللى ئاڭ ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇقۇمنىڭ ئىنىق ۋە توغۇرا بولماسلىقى، تار مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىغىر بولىشى. مىللى روھ، مىللى ئاڭ ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك دىمەك يالغۇز ھىس تۇيغىغا تايىنىپ، ئېغىزدا ۋەتەن مىللەت دەپ ۋاقىراپ قويۇشلا ئەمەس. ئۇ دىگەنلىك ھەر دائىم ۋەتەن مىللەتنىڭ مەنپەتىنى، شان شەرىپىنى قوغاداش، شەخسى مەنپەت ئۈچۈن، ئومۇملۇقنىڭ مەنپەتىنى قۇربان قىلماسلىق، ئۇنى زىيانغا ئۇچۇراتماسلىق دىمەك. مىللى روھ، مىللى ئاڭ ۋە ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىك دىمەك ھەر جەھەتتىن تىرشچانلىق كۆرسۈتۈپ، ۋەتەن مىللەتنىڭ ئورنىنى، ئوبرازىنى تىكلەش، ئۇنى قەد كۆتەرگۈزۈش، خەلقىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى نامايەن قىلىش دىمەك. بىر مىللەت ياكى ئۇ مىللەتكە تەۋە بولغان ئىنسانلاردا بۇ ئۇقۇملار ئىنىق بولمىغاندا، ئۇلار ئۈزەكى ھالدا ئۆز ھىسياتىغا تايىنىپ، مىللى مەنپەتكە ئۆزلىرى خالاپ ياكى خالىماستىن، بىلىپ ياكى بىلمەستىن زارار بىرىپ قويىدۇ.

2. ئۆز ئۆزىمىزنى توغۇرا ۋە يىتەرلىك تونۇماسلىق. ئىنسان ئۆز ئۆزىنى توغۇرا ۋە يىتەرلىك تونۇمىغاندا، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغۇرا بەلگىلىيەلمەيدۇ، نەتىجىدە ئىنساندا ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئاخىۋەت كىلىپ چىقىدۇ. بىرى، ئىنسان ئۆزىنى توغۇرا تونىمىغانلىق سەۋەبىدىن، ئۆزىنى ئۆزى كەمسىتىش ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىنى كۆزىگە ئىلماسلىقىدىن ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىش، ھە دىسە ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى ۋە نەتىجىسىنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلەپ، ھەر پۇرسەتتە ئۆزىنى كۆرسۈتىشكە تېرىشىش، باشقىلارنى بولۇپمۇ رىقابەتچىسىنى ئۆزىگە تەھدىت ھىساپلاش، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئىلىۋىلىشىدىن بەك ئەندىشە قىلىش كىلىپ چىقىدۇ. يەنە بىرى، ئىنسان ئۆزىنى تۇغۇرا تونىماسلىق سەۋەبىدىن،  ئۆز قابىلىيىتىنى ۋە ئۆز ئىقتىدارىنى بەك قالتىس ھىساپلاش، ئۆزىنى مىللەت "قۇتقازغۇچ" ساناپ،  ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇۋىلىش كىلىپ چىقىدۇ.

3. بىر قىسىم ئىنسانلاردىكى بىنورمال بەخىت تۇيغۇسى. بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ بەخىت تۇيغۇسىنى ئۆزىنىڭ راھەتلىكىدىن ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ راھەتسىزلىكىدىن ئىگە بولۇشى. بۇ بىر بىنورمال بولغان پىسخىكا بولۇپ، ئىنسانلاردا بۇنداق بىنورمال روھىي ھالەت بولغاندا، ئۇنداق ئىنسانلار باشقىلارنىڭ پىشكەنلىكىدىن بىر خىل قانەت ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن ھەممە ئەزاسى ساغلام بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ بەش ئەزاسىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنىڭ نەقەدەر موھىم بىر بايلىق ئىكەنلىكنى پەقەت پۇت قولى كەم ياكى ئەميىپ بولغان بىرسىنى كۆرگەندە ئاندىن ھىس قىلالىشى. بۇنداق بىنورمال پىسخىكىغا ئىگە كىشىلەر پەقەتلا باشقىلارنىڭ بولۇپمۇ ئۆزى تونۇش بولغان بەزى ئىنسانلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى،  بەخىتسىزلىكىنى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ پىشكەنلىككە ئۇچۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، ئاندىن بەخىتلىك تۇيغۇغا ئىرىشەلەيدىغان بولۇپ، ئۇنداق ئىنسانلار نورمالدا باشقىلارنىڭ قانچىلىك  ئازاپلانغانلىقىنى كۆرگەنسىرى، ئۆزىنىڭ شۇنداق كۈنگە قالمىغانلىقىغا شۇنچە شۈكۈر قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئاندىن ئۆز بەختىنى ۋە ئۆز قىممىتىنى تونۇپ يىتەلەيدۇ.

مەسىلەن، خەلقىمىز ئىچىدىكى  ھوقۇق تۇتقان بىر كىشى ھوقۇقىدىن ئىلىپ تاشلانغاندا، باي بىر كىشى ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل بوھتانى بىلەن تۇتقۇن قىلغاندا ۋە ياكى ئۇنىڭ ئىختىزادى ۋەيران قىلىنغاندا، مۇئاپىقىيەت قازانغان بىر كىشى ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولغاندا، ئارىمىزدىكى بەزى ئىنسانلار مۇنداق دىيىشى مۈمكىن، "ئەينى ۋاقىتتا ھەجەپ كۆرەڭلەپ كەتكەن ئىدى، ئاينىڭ 15 ئايدىڭ، 15 قاراڭغۇ دىگەن مۇشۇ شۇ". بۇنداق ئەھۋاللار ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئىچىدە كۆپ ئۇچۇرايدىغان بولۇپ، بىزگە ھۆكۈمىرانلىق قىلىۋاتقان ھاكىمىيەت ئۇزۇن زاماندىن بىرى مەخسەتلىك ھالدا بۇ خىل قاراشلارنى بىزنىڭ كاللىمىزغا سىڭدۈرۈرۈپ كەلگەن. شۇڭا بەزىلەر ئۇ خىل ئەھۋاللارنى ئۆز ئارا پەرىقلەندۇرمەيلا، نوقۇل ھالدا ئۇنى ئادالەتنىڭ ئىجىرا قىلىنىشى دەپ چۈشۈنىپ كەلگەن.

4. مىللەتنىڭ ۋە ياكى ئۆزىنىڭ بىشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ئۈچۈن ئۆز يىنىدىن ۋە ياكى ئەتىراپىدىن جاۋاپكار ئىزدەش، ۋە ئۇلارنى ھەر خىل بوھتانلار ئارقىلىق ھاقارەتلەپ، ئۆز روھىي ھالىتىنى تەڭپۇڭ قىلىش پىسخىكىسى. بىز گەرچە ھەر خىل ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ھازىرقى يامان كۇنگە قالغانلىقىمىزنى، ئورتاق دۈشمەننىڭ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغان ۋە خەلقىمىزگە زۇلۇم سىلىۋاتقان خىتتاي ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى  بىلەسەكمۇ، بىراق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، كۆڭلىمىزنى راھەتلەندۈرۈش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغاچقا، ئاچچىغىمىزنى چىقىرىپ، روھىي ھالىتىمىزنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن "دۈشمەن" گە ئىھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز. دەل مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، بىز ھەر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئۆز ئىچىمىزدىن ۋە ياكى ئەتىراپىمىزدىن "دۈشمەن" ئىزدەيمىز. بۇ بىزدىكى روھىي ئاجىزلىقنىڭ ۋە ئىچىمىزگە كىرىۋالغان قورقۇنجىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ۋاقىتلىق كۆڭلىمىزنى خوش قىلىپ ئۆز ئۆزىمىزنى ئالداشنىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر.

5. بەزى ئىنسانلاردىكى شەخسىيەتچىللىكى، ھەسەتخورلىقى، مەنمەنچىلىكى، ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن ئومۇمنىڭ مەنپەتىنى خالىغانچە قۇربان قىلىش، ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى قوبۇل قىلالماسلىق، تەنقىت قىلغانلاردىن ئۆچ ئىلىش، رىقابەتچىسىگە دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلىش ئىدىيەسى.

ھازىر بىزدە يۈز بىرىۋاتقان نۇرغۇن ئىختىلاپلارنىڭ سەۋەپلىرىگە قارايدىغان بولساق تۆۋەندىكىلەرنى پەرىق ئىتىش ئۇنچە قىيىن بولمىسا كىرەك. ھەر قايسى تەشكىلاتلىرىمىز ۋە ئىختىلاپقا ساھىپ بولغان ھەر تەرەپ، گەرچە بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغان خىتتاي ھاكىمىيىتى، بىزنىڭ خىتتاي ھاكىمىتىدىن باشقا دۈشمىنىمىز يوق دەپ تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھەر خىل ئوچۇق ۋە يىپىق سورۇنلاردا قارشى تەرەپكە دۈشمەن مۇئامىلىسىنى قىلىپ، ئۆز ئارا ھاقارەت قىلماقتا، ۋە ئۇلارغا ھەر خىل بوھتانلارنى چاپلىماقتا. نەتىجىدە بۇ ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن خەلقىمىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان خىتتاي ھاكىمىيىتى بىر تەرەپتە قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ ئىتىپاقلىقى زىيانغا ئۇچۇرماقتا، داۋا زارار كۆرمەكتە.

ئارمىزدىكى بۇ ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا نىمىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەك؟

ئالدى بىلەن دۈشمەننى ئىنىق بىكىتىش، داۋادىكى رىقابەتچى بىلەن دۈشمەننى ئايرىش كىرەك. ھەممىمىز بىلگەندەك داۋا بىرەر شەخىسنىڭ شەخسى داۋاسى ئەمەس، ئۇ مىللەتنىڭ داۋاسى. داۋانى قانداق ئىلىپ بىرىش جەريانىدا پىكىر ئىختىلاپى يۈز بەرگەندە، ئەگەر بىر يەرگە كىلىش ئىھتىماللىقى بولمىسا، داۋاغا زىيان سالماسلىق ۋە ياكى داۋانىڭ ئۈنىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزلىرى توغۇرا دەپ قارىغان ئۇسۇلدا داۋا ئىلىپ بارسا بولىدۇ، بىراق ئۆز ئارا ئىنكار قىلماسلىق كىرەك، ئۆز ئارا ھۇجۇم قىلماسلىق كىرەك.  ئەڭ موھىمى قارشى تەرەككە دۈشمەنگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلماسلىق كىرەك.

ئوخشىمىغان شەخىس ۋە تەشكىلاتلار ئارىسىدا ئەركىن ۋە ئادىل رىقابەتلىشىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر دائىم داۋانى تىخىمۇ ئالغا ئىلگىرلىتىشنى مەخسەت قىلىش، ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ توغۇرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش كىرەك. ئوخشىمىغان شەخىس ۋە تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ توغۇرلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قارشى تەرەپنى ئىنكار قىلغاندا، ۋە ياكى دۈشمەننى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلغاندا، داۋا ئىغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچىرايدۇ.

تەشكىلاتلار ۋە ياكى داۋا ئىچىدىكى بەزى شەخىسلەر قارشى تەرەپنى خاتاغا چىقىرىشنى، ئىنكار قىلىشنى توختۇتۇش كىرەك. پىسخىكىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەن ئىنسانلاردا ئورتاق بولىدىغان بىر ئالاھىدىلىك، ئۆزلىرىدە مەسىلە بارلىقىنى ھەرگۈز ئىتىراپ قىلماسلىق ۋە ياكى ئۇنى ھەر زامان ئىنكار قىلىش، شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئەڭ قوبۇل قىلمايدىغان ئىش، ئۇلارنى خاتاغا چىقىرىش. ئەگەر ئۇلار ئوچۇقتىن ئوچۇق خاتاغا چىقىرىلغاندا، ئۇلار ھەرگۈزمۇ ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقىغا تەن بەرمەيدۇ. ئۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ توغۇرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ۋاستە تاللىمايدۇ، يالغان ھىكايىلەرنى توقۇپ چىقىدۇ، نەتىجىدە تىخىمۇ چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ، بىراق ئۆزىنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى يەنىلا ھەرگۈز قوبۇل قىلمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى بىۋاستە خاتاغا چىقارماي، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئاساس مەخسەت قىلىپ، ئۆز ئارا يول قويۇش، ھەر ئىككى تەرەپ بىر قەدەم چىكىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ "ئاتتىن چۈشىشى" گە چىراقلىق بىر پۇرسەت بىرىش كىرەك.

تەشكىلار ۋە ياكى بەزى شەخىسلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە، ھەرگۈزمۇ قارشى تەرەپنى يىڭىشنى، قارشى تەرەپنى باشقىلار ئالدىدا ۋەيران قىلىشنى مەخسەت قىلماسلىق كىرەك. ھەر قايسى تەشكىلار ۋە شەخىسلەر، خىتتاي ھاكىمىيىتىنى بىردىن بىر دۈشمەن دەپ قارىغان ئىكەن، ئۇلار چوقۇم كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش، ئۆزى بىلەن ئوخشىمىغان يولدا ئورتاق دۈشمەنگە قارشى ھەركەت قىلىۋاتقان ھەر قانداق شەخىس ۋە ياكى تەشكىلاتقا تاجاۋۇز قىلماسلىق كىرەك؛ ئۆز ئارا ئورتاق نۇقتا تىپىشقا تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش، كەم دىگەندە ئۆز ئارا ھۇجۇم قىلىپ، ۋاقىت ۋە ئىنىرگىيەنى ئىسىراپ قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك.

ئاخىردا، شەخسى غەرەز ۋە شەخسى مەنپەتنى ئومۇملۇقنىڭ مەنپەتى ئۈستىگە قويۇۋالماسلىق، شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىك ۋە ئابرويپەرەسلىكتىن ۋاز كىچىش، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش، ھىسياتقا تايىنىپ يەكۈن چىقارماسلىق، خەلقنى ئالدىماسلىق كىرەك. كەڭ قوساق بولۇش، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاكىتىپ پوزىتسىيەدە بولۇش، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ۋە غۇرۇرىغا تەگمەسلىك، ئۆز ئارا ھاقارەت قىلماسلىق كىرەك.

ئىنساننىڭ كۆڭلى كوكسىنىڭ كەڭ بولۇشى يەنى روھىي دۇنياسىنىڭ توق بولۇشى ئىنساننىڭ بەخىتلىك بولۇشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئاكىتىپ ۋە تۇراقلىق بولغان روھىي كەيپىيات توغۇرا تەپپەككۇر قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر. ئىنسانننىڭ كۆڭلى كوكسى كەڭ، روھىي كەيپىياتى ئاكىتىپ ۋە تۇراقلىق بولغاندا، ئىنسان ئىچى تارلىقتىن، ھەسەتخورلۇقتىن، مەنمەنچىلىكتىن خالى بولالايدۇ، ۋە شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان بىھۇدە ئىختىلاپلاردىن ساقلىنالايدۇ. ئىنساننىڭ روھىي كەيپىياتى تۇراقلىق بولمىغاندا، ئۇنىڭ تەپەككۇرى توغۇرا بولمايدۇ، ئىنسان ھىسياتقا تايىنىپ يەكۈن چىقارغاندا ئۇئىنىڭ خاتا بولۇش ئىھتىماللىقى بەك يۇقۇرى بولىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كوڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن، كۆڭلى كۆكسىمىزنى كەڭ، روھىي دۇنيارىمىزنى باي قىلسۇن، كەيپىياتىمىزنى ئاكىتىپ ۋە تۇراقلىق قىلسۇن.

No comments: