Tuesday, July 17, 2018

بىر كۆزلۈك ئادەملەر

بىر كۆزلۈك ئادەملەر

مەمەت ئىمىن


نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى مۇنداق بىر ھىكايىنى ئوقۇغىنىم ئىسىمدە. بۇرۇنقى زاماندا، ئولتۇرسا قوپسا باي بولۇشنى خىيال قىلىدىغان، بىراق پەقەت جاپالىق ئىشلەشنى خالىمايدىغان بىر ئادەم بار ئىكەن. بىر كۈنى مۇنداق بىر خەۋەرنى ئاڭلاپتۇ، قۇرۇقلۇقتىن ناھايتى يىراق بۇلغان كىچىك بىر ئارالدا بىر توپ ئادەملەر بارمىش، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پىشانىسىنىڭ قاپ ئوتۇردا بىر تاللا كۆزى بارمىش. بۇ ئادەم بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، باي بولۇشنىڭ پۇرسىتى كەپتۇ دەپ بەك ھاجانلىنىپ كىتىپتۇ. ئۇ ئادەم ئۆز ئۆزىگە دەپتۇكى ، ئەگەر مەن ئۇ ئارالغا بارسام، ئۇ بىر كۆزلۈك ئادەملەردىن بىر نەچچىنى تۇتۇپ كەلىپ، دۇنيانى ئايلىنىپ كۆرگەزمە قىلسام، بىر ئايدا مانچە پۇل تاپسام، بىر نەچچە يىلغا بارماي مىليونۇر بولىدىكەنمەن. ئۇ ئادەم شۇ خىياللار ئىچىدە ھاجانلىنىپ، دەرھال ھەركەتكە كىلىپ بىر كىمە ئىجارىگە ئىلىپ ، شۇ ئارالغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. بىر نەچچە ئايدىن كىيىن ئۇ ئارالغا يىتىپ بىرىپتۇ. قىرغاققا يىقىنلىشىپ قارىسا، ئۇ ئارالدا ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ راس دىگەندە پىشانىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر تاللا كۆزى بار ئىكەن. ئۇ ئادەم ئۇلارنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى تۇتىۋالالاماي، قىرغاققا شۇنداك چىقىشىغا، ئۇ ئارالدىكى ئىنسانلار ئىچىدىمۇ ئۇزۇندىن بىرى باي بولۇش پۇرسىتى ئىزدەپ يۈرگەن شۇنداق بىر ئادەم باركەندۇق. ئۇ ئادەم شۇنداق قارىغىدەك بولسا، ئىككى كۆزلۈك غەلىتە ئادەمدىن بىرسى تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر كۆزلۈك ئادەم، ئەمدى باي بولۇشنىڭ پۇرسىتى كەپتۇ دەپ ، ئۇ ئىككى كۆزلۈك ئادەمنى تۇتۇپ، ئۇ ئارالنى ئايلاندۇرۇپ كۆرگەزمە قىلىپ پۇل تىپىش ئۈچۈن ئىلىپ كىتىپتۇ.

مەن ھازىر ئۆزۈمنى شۇ بىر كۆزلۈكلە ياشايدىغان ئارالغا كىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن. يەنە قانچىلىك ئىككى كۆزلۈك ئادەملەر شۇ بىر كۆزلۈك ئادەلەر تەرىپىدىن غەلىتە ئادەم قاتارىدا تۇتۇلۇپ كىتىلىپ سازايى قىلىنار؟

No comments: