Tuesday, July 17, 2018

پىسخىلوگىيە توغۇرسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

پىسخىلوگىيە توغۇرسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

مەمەت ئىمىن


بىز داۋاملىق بىزدىكى پىسخىلوگىيەلىك مەسىلەلەر، بىزدىكى پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈشلەر دەپ تىلغا ئالىمىز، ۋە ھازىر ئارىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان نۇرغۇن سەلبى مەسىلەلەرنى ۋە ئىختىلاپلارنى شۇ خەلقىمىزدىكى پىسخىلوگىيەلىك مەسىلەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ تەكىتلەۋاتىمىز. ئۇنداقتا پىسخىلوگىيە دىگەن نىمە؟ پىسخىكىلىق مەسىلە ۋە ياكى پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈشلەر نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پىسخىلوگىيە دىگەن سۆز قەدىمقى گىرىكچىدىن كەلگەن سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى  روھنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم دىگەن مەنىدە. ھازىرقى زامان پىسخىلوگىيە ئىلىمى يالغۇز روھنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم بولۇپ قالماستىن، ئۇ ئىنسانلارنىڭ پىسىىكىسىنى يەنى كۆڭلىنى، روھىي ھالىتىنى، ھىس-تۇيغىسىنى،  كەيپىياتىنى، مىجەز - خۇلقىنى، خارەكتىرىنى، ئوي-خىيالىنى، تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى،  ئىنسانى غۇرۇرىنى،  ئىپتىخارىنى، قىلمىشىنى ۋە باشقىلار بىلەن بولغان ئىجتىمايى مۇنائىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر ئىلىم. بىزدە بۇرۇن بۇنداق بىر سىستىمىلاشقان ئىلىم بولمىغاچقا، بىز بۇ ئىلىمنىڭ نامىنى ئەينى شۇ پىتى قوبۇل قىلغان. ھەلى ھەم بۇ جەھەتتە ئالاھىدە تەتقىتقات ئىلىپ بارىدىغان ئادەملىرىم بەكلا ئاز، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسى توغۇرسىدا سىستىمىلىق تەتقىق ئىلىپ بارغانلا تىخىمۇ يوقتا يەرلىك.

پىسخىلوگىيە ئىلىمى ئىجتىمايى پەن دائىرسىگە كىرىدىغان بىر ئىلىم بولۇپ، ئۇ پەلسەپە، جەمىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، قىلمىششۇناسلىق ۋە تىبابەت ئىلىمى قاتارلىق كۆپ خىل ئىلىملار بىلەن ئۆز ئارا باغلىنىپ كەتكەن. ئۇ مۇئارىپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش، ئەدىبىيات، تەشۋىقاتچىلىق، ئىختىزاد، باشقۇرۇش، ئەخلاق پەزىلەت ئىلىمى، روھىي كىسەللىك ئىلىمى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىنسانلاردىكى پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈش دىگەندە، ئۇ ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىدا يۈز بەرگەن سەلبى ۋە ئىجابى ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىدا يۈز بەرگەن ئىجابى ئۆزگۈرۈشلەر، ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتىدە، كۆڭلىدە، ھىس-تۇيغالىرىدا،  كەيپىياتىدا، مىجەز - خۇلقىدا، خارەكتىرىدە، ئوي-خىيالىرىدا، تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىدا،  ئىنسانى غۇرۇرىدا،  ئىپتىخارىدا،  قىلمىشىدا ۋە باشقىلار بىلەن بولغان ئىجتىمايى مۇناسىۋەتلىرىدە يۈز بەرگەن ھەر خىل ئىجابى ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇ ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىدىكى ئىجابى ئۆزگۈرۈشلەر، ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان كۆز قارىشىغا تەسىر كۆرسۈتۈپ، ئىنسانلارنىڭ روھىي، جىسمانى ساغلاملىقىنى ياخشىلاپ، ھاياتلىقنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ. ئىنسانلارغا ئۈمۈت بىغىشلايدۇ؛ ئىنسانلارنى غايىلىك، تىرىشچان، ئىرادىلىك، غۇرۇرلۇق، توغۇرا تەپەككۇر قىلىدىغان، كەڭ قوساق قىلىدۇ؛ ئىنسانلارنى دەرت ئەلەم، قايغۇ ھەسىرەتلەردىن، ھەسەتخورلۇقتىن، ئىچى تارلىقتىن خالى قىلىدۇ. ئىنسانلارنى روھىي ۋە جىسمانى جەھەتتىن ساغلام قىلىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىدا يۈز بەرگەن سەلبى ئۆزگۈرۈشلەر ئادەتتە ئىنسانلاردا يۈز بەرگەن پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئىنسانلاردا كۆرىلىدىغان پىسخىكىلىق مەسىلەلەر ئادەتتە ھەر خىل روھىي كىسەللىكلەر ۋە بىز نورمالدا دەۋاتقان ساراڭلاردىن باشقا ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتىدە، كۆڭلىدە، ھىس-تۇيغالىرىدا،  كەيپىياتىدا، مىجەز - خۇلقىدا، خارەكتىرىدە، ئوي-خىيالىرىدا، تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىدا،  ئىنسانى غۇرۇرىدا،  ئىپتىخارىدا،  قىلمىشىدا ۋە باشقىلار بىلەن بولغان ئىجتىمايى مۇناسىۋەتلىرىدە يۈز بەرگەن ھەر خىل سەلبى ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆزدە تۇتىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىدا يۈز بەرگەن سەلبى ئۆزگۈرۈشلەر ئىنسانلارنى ئىچى تار، شەخسىيەتچى، ھەسسەتخور، قىزغانچۇق، كۆرەلمەس قىلىپ قويىدۇ؛ ئىنسانلارنى كەيپىياتىنى تۇراقسىز، بىر ئىشتىن ئاسان خوش، ئاسان رازى، ئاسان خاپا، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ؛ ئىنسانلارنى قورقۇنجاق، كۆپ ئەندىشە قىلىدىغان، گۇمانخور، باشقىلارغا ئىشەنمەيدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، ئۈمۈتسىز، روھىي چۈشكۈن، توغۇرا تەپپۇر قىلمايدىغان، ئەقىل ئىشلەتمەيدىغان، باشقىلارغا ئاسان ئىشىنىدىغان، ئالغا ئىلگىرلەشنى خالىمايدىغان، ھورۇن، باشقىلارغا تايىنىۋالىدىغان، غۇرسىز، شەرەپسىز، مەسۇليەتسىز، ئادالەتسىز، شەرمەندە، ھەر دائىم سەلبى ئويلايدىغان قىلىپ قويىدۇ؛ ئىنسانلارنى دەرت ئەلەم ۋە ھەسىرەتلەر چەكتۈرىدۇ؛ ئەڭ موھىمى ئىنسانلارنى روھىي كىسەل ۋە ساراڭلىققا ئىلىپ بارىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسى، ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار تۈپەيلىدىن ئاكىتىپ ۋە پاسسىپ ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئۆزگەرگۈرەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىدىغان ئىچكى ئامىللار ئىنسانلارنىڭ ئىرسى ۋە تۇغما مىجەز -خۇلقى ۋە خارەكتىرىلرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئىنسان تۇغۇلغاندىن كەيىن دۇچ كەلگەن بارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پىسخىكىنى ئاكىتىپ ئۆزگەرتىش دىگەندە ئاساسلىقى شۇ شەخىس ئۆزى خالاپ ئۆز پىسخىكىسىدا بەزى ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىۋەرسال ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ئىتىقادىنى كۈچەيتىش، ساغلام پالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنۇش ۋە بەدەن چىنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز پىسخىكىسىدا ئىجابى ئۆزگۈرۈشلەر پەيدا قىلالايدۇ.

پىسخىكىنى پاسسىپ ھالدا ئۆزگەرتىش دىگەندە ئاساسلىق مەلۇم شەخىس ئۆز بىلگەن ۋە ياكى بىلمىگەن ھالدا باشقىلار تەرىپىدىن مونىپۇل قىلىنىپ، پىسخىكىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا بولۇشنى كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئىنسانلار ئۆزلىرىدە بار بولغان پىسخىكىلىق مەسىلەلەرنى ۋە روھىي كىسەللىكلەرنى باشقىلارنىڭ ۋە ياكى دورىنىڭ ياردمى ئارقىلىق ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئۇندىن باشقا بەزى ئىنسانلار بەزى بىر ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ ئۆزى كونتۇرۇل قىلماقچى بولغان ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پىسخىكىنى پاسسىپ ئۆزگەرتىش داھىرسىگە كىرىدۇ.

باشقىلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىش ياكى پىسخىكىدا پاسسىپ ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىش ئۈچۈن قوللۇنىلىدىغان ئۇسۇللار ئادەتتە "پىسخىكىنى مونۇپۇل قىلىش تاكتىكىسى" دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جەھەتتە سىستىمىلىق يىزىلغان كىتاپلار ناھايتى كۆپ بولۇپ، تارىختا بارلىق ھۆكۈمىران سىنىپلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن بۇ جەھەتتە ئوخشىمىغان تاكتىكىلارنى قوللۇنۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ مۇستەملىكە دۆۋلەتلەردە، مۇستەملىكە قىلغۇچى ھاكىمىيەت ۋە خەلق، مۇستەملىكە قىلىنغۇچى خەلقلەرگە پىسخىكىلىق مونۇپۇل قىلىش تاكتىكىسىنى قوللۇنۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىچى تار، شەخسىيەتچى، ھەسسەتخور، قىزغانچۇق، كۆرەلمەس، كەيپىياتى تۇراقسىز، ئاسان خوش، ئاسان رازى، ئاسان خاپا، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، قورقۇنجاق، كۆپ ئەندىشە قىلىدىغان، گۇمانخور، يالغان سۆزلەيدىغان، ئۈمۈتسىز، روھىي چۈشكۈن، توغۇرا تەپپۇر قىلمايدىغان، ئەقىل ئىشلەتمەيدىغان، ئالغا ئىلگىرلەشنى خالىمايدىغان، ھورۇن، باشقىلارغا تايىنىۋالىدىغان، غۇرسىز، شەرەپسىز، مەسۇليەتسىز، ئادالەتسىز، شەرمەندە، ھەر دائىم سەلبى ئويلايدىغان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

مىنىڭ قارىشىمچە بىز ئۆز مۇستەققىللىقىمىزنى يوقاتقان كۈندىن ئىتىۋارەن، خەلقىمىزنىڭ پىسخىكىسى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مونۇپۇل قىلىندى ۋە ئۆزگەرتىلدى. ھازىر ھەممىمىز كۆرۇپ تۇرىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلەلەر، خەلقىمىزنىڭ شۇ پىسخىكىسىدىكى سەلبى ئۆزگۈرۈشلەر سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان. بۇندىن كىيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ مەسىلەلەردە چوڭ ياخشىلىنىش بولمايدۇ، ئەكسىنچە خىلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە خەلقىمىزدىكى بۇ "كىسەللىك" ئىغىرلىشىپ بىرىشى مۈمكىن.

No comments: